باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز سىياسىي سۆھبەت چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر چىقىش يولى، دېدى

2019.03.08 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 7-مارت، جۇڭگو تەرەپ باشتىن-ئاخىر چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسىنى سىياسىي سۆھبەت ئارقىلىق تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، بۇ يېرىم ئارال مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر چىقىش يولى، دېدى.

  شۇ كۈندىكى ئادەتتىكى مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: 5- مارت، ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى ياردەمچىسى بولتون زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، ئامېرىكا تەرەپنىڭ يەنىلا چاۋشيەن بىلەن سۆھبەتلىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، چاۋشيەننىڭ ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن ئۇ يەنە، چاۋشيەن يادروسىزلاشتۇرۇشقا كۈچىمىسە، ئامېرىكا تەرەپ چاۋشيەنگە قارىتىلغان ئىقتىسادىي جازانى بوشاشتۇرمايدۇ، دېدى. شۇ كۈنى، چاۋشيەننىڭ «چاۋشيەن گېزىتى»دە ماقالە ئېلان قىلىنىپ، ئەگەر ترامپ يادروسىزلاشتۇرۇش پۇرسىتىدىن مەڭگۈ ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمىسا، ئۇنداقتا چاۋشيەن «يېڭى يول» تېپىشتىن بۇرۇن، چاۋشيەن-ئامېرىكا ئىشەنچ مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ماس قەدەملىك ھەرىكەتنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى تاشلىشى كېرەك، دېيىلدى. جۇڭگو تەرەپ چاۋشيەن-ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ خانويدىكى ئۇچرىشىشىدىن كېيىنكى يېرىم ئارال مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ چىقىش يولىغا قانداق قارايدۇ؟

  لۇ كاڭ مۇنداق دېدى: چاۋشيەن- ئامېرىكا رەھبەرلىرى خانويدا كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ سۆھبەتنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىشنى خالاش پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلىدى، جۇڭگو تەرەپ بۇنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ ۋە رىغبەتلەندۈرۈىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ بۇ ئارزۇنى قەتئىي ھەقىقىي ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  لۇ كاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېرىم ئارال مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى بىر- ئىككى كۈنلۈك ئىش ئەمەس، ئاچقۇچلۇق مەسىلە شۇكى، ئىككى تەرەپ جەزمەن ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مۇۋاپىق تەلىپىنى ھەقىقىي تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى داۋاملىق ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق تونۇشلارنى تەدرىجىي توپلاپ، ئەڭ ئاخىرىدا يېرىم ئارال مەسىلىسىنى سىياسىي سۆھبەت ئارقىلىق ئۇزاققىچە ھەل قىلىش ئۈچۈن داغدام يول ئېچىشى لازىم. جۇڭگو تەرەپمۇ «بىر قاتار، باسقۇچلارغا بۆلۈش، ماس قەدەملىك مېڭىش» قاتارلىق تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئەستايىدىل ئويلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر