باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

دېھقان رەسسام ئابلىكىمنىڭ ئارزۇ قوغلاشقان 60 يىلى

2019.03.08 15:54   مەنبە: خەلق تورى

دېھقان رەسسام ئابلىكىمنىڭ ئارزۇ قوغلاشقان 60 يىلى

  سۈرەتتە: ئابلىكىم مەمىتىمىن رەڭ تەڭشەش تەخسىدە رەڭ تەڭشىمەكتە (5- مارت تارتىلغان).

  بۇ يىل 75 ياشقا كىرگەن ئابلىكىم مەمىتىمىن شىنجاڭ قاراقاش ناھىيەسى زاۋا بازىرى قۇمئېرىق كەنتىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن دېھقان رەسسام. يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئۇ بىر تەرەپتىن ئەمگەك قىلغاچ، بىر تەرەپتىن رەسىم سىزىپ، 15 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر ئىجاد قىلدى. كىچىكىدىن رەسىم سىزىشقا ئامراق ئابلىكىم مەمىتىمىن 15 يېشىدا ماي بوياق رەسىمگە رىشتە باغلىدى. مۇئەللىم يوق چاغدا، ئۇ رەسىملىك كىتابچىنى تەقلىد قىلىشتىن باشلاپ ئۆگىنىپ، رەڭ تەڭشەش، رەڭ بېرىش قاتارلىقلارنى ئۆزىنىڭ تەسىراتىغا ئاساسەن قايتا-قايتا ئىزدىنىپ، ئۆز رەسىمى ئارقىلىق گۈزەل شىنجاڭنى ئۈزلۈكسىز نامايان قىلدى.

  بۈگۈنكى كۈندە، ئابلىكىم مەمىتىمىن ماي بوياق رەسىم، سۇ بوياق رەسىم سىزىپلا قالماي، يەنە سىر ئارقىلىق رەسىم سىزالايدۇ، ھەتتا گىلەمگە ئۆز ئەسەرلىرىنى سىزىدۇ. 2012-يىلى، بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك دېھقان رەسساملار ماي بوياق رەسىم كۆرگەزمىسىدە، ئۇ سىزغان «قەدىمقى زامان رىۋايەتلىرى» ناملىق ئەسەر ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ھەر يىلى ئۇنىڭ داڭقىنى ئاڭلىغان نۇرغۇن رەسىم سىزىش ھەۋەسكارلىرى، گۈزەل سەنئەت كەسپىدىكى ئوقۇغۇچىلار كېلىپ ئۇنىڭدىن رەسىم سىزىش ماھارىتى ئۆگىنىدۇ. ئابلىكىم مەمەتئىمىن: «ۋاقىت مەيلى قانچىلىك، قانداق ئۆتسىمۇ، مېنىڭ سەنئەتكە بولغان ئىنتىلىشىمنى ئازايتالمايدۇ»، دېدى. رەسىم سىزىش ئۇنىڭغا چەكسىز شادلىق ئېلىپ كەلدى، ئۇ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ قولىغا قەلەم ئېلىپ، گۈزەل تۇرمۇش ۋە رەڭدار ھاياتنى تەسۋىرلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر