باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىل توققۇز ئۆلكىدە شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ كۈتۈنۈش فوندى ھاۋالە سېلىنمىسى يولغا قويۇلىدۇ

2019.03.07 16:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 6-مارت ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى، مالىيە مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندى ھاۋالە سېلىنمىسى توغرىسىدىكى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)لەرنىڭ يولغا قويۇشى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تارقاتقان. تەتقىق قىلىپ بېكىتىش ئارقىلىق خېبېي، جىلىن، جياڭسۇ قاتارلىق توققۇز ئۆلكىدە 2019-يىلى ئاھالىلەرنىڭ كۈتۈنۈش فوندى ھاۋالە مەبلەغ سېلىش خىزمىتى يولغا قويۇلىدىكەن. توققۇز ئۆلكىنىڭ تەكشۈرۈپ تەكتىنى ئېنىقلاش، مەبلەغنى ھېسابلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ قانات يايدۇرۇپ، ھاۋالە مەبلەغ سېلىش سوممىسىنى ئېنىقلاش ھەمدە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە كونكرېت يولغا قويۇش پىلانىنى تاپشۇرۇش تەلەپ قىلىنغان. 2019-يىلى يىل ئاخىرىغىچە، مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى كېڭىشى بىلەن ھاۋالىلىك مەبلەغ سېلىش توختامى ئىمزالاشقا كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن.

  2018-يىلى 8-ئايدا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى «شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش فوندىغا ھاۋالىلىك مەبلەغ سېلىش خىزمىتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، 2018-يىلىدىن باشلاپ، ھەر قايسى ئۆلكە ( ئاپتونوم رايون، شەھەر)نىڭ يىل بويىچە تۈركۈمگە بۆلۈپ، 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئاھالىلەرنىڭ كۈتۈنۈش فوندىغا ھاۋالىلىك مەبلەغ سېلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش كېرەكلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلغانىدى. 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شاڭخەي شەھىرى، خۇبېي ئۆلكىسى، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى، چۇڭچىڭ شەھىرى، سىچۈەن ئۆلكىسى، يۈننەن ئۆلكىسى، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى، شەنشى ئۆلكىسى، گەنسۇ ئۆلكىسى قاتارلىق توققۇز ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)دە يولغا قويۇلدى.

  جايلارنىڭ فوند قالدۇقى، چىقىم قىلىش ئىقتىدارى، ئاساسىي شارائىتى قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئاساسەن ۋە جايلارنىڭ ئارزۇسىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى تەتقىق قىلىپ، 2019-يىلى ئاھالىلەرنىڭ كۈتۈنۈش فوندىغا ھاۋالىلىك مەبلەغ سېلىش خىزمىتىنى يولغا قويىدىغان ئۆلكە ئىسىملىكىنى بېكىتتى، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا خېبېي ئۆلكىسى، جىلىن ئۆلكىسى، جياڭسۇ ئۆلكىسى، جېجياڭ ئۆلكىسى، ئەنخۇي ئۆلكىسى، فۇجيەن ئۆلكىسى، خېنەن ئۆلكىسى، گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى، چىڭخەي ئۆلكىسىدىن ئىبارەت.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر