باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا، خەلق تۇرمۇشى ھەققىدىكى ئون چوڭ قىزىق نۇقتىغا مۇنداق ئىنكاس قايتۇرۇلدى

2019.03.07 16:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىدا 5-مارت ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە قاراپ چىقىلدى. بېسىم ۋە خىرىس شارائىتىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قانداق مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ؟ ئىستېمالنى قانداق ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىشنى قانداق ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؟... نۆۋەتتىكى خەلق تۇرمۇشى ھەققىدىكى نۇرغۇنلىغان قىزىق نۇقتىلارغا قارىتا، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ئېنىق ئىنكاس قايتۇرۇلدى.

  قىزىق نۇقتا 1: بېسىم ۋە خىرىس شارائىتىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قانداق مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ؟

  −− ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتى تۇنجى قېتىم ماكرو سىياسەت قاتلىمىغا قويۇلدى.

  دوكلاتتا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىگە ئومۇميۈزلۈك كۈچەش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ يىل ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنىڭ تۇنجى قېتىم ماكرو سىياسەت قاتلىمىغا قويۇلۇشى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى قوللاشتىكى يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان. ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇشتا ئەڭ مۇھىمى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشتۇر.

  قىزىق نۇقتا 2: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچىدىكى نۇقتىلىق نىشان نېمە؟

  −− دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلار ۋە ئالاھىدە نامراتلار توپىغا قارىتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش لازىم.

  دوكلاتتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: نامراتلارنى دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلار ۋە ئالاھىدە نامراتلار توپىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جەڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش لازىم.

  قىزىق نۇقتا 3: بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۇ يىل قانداق ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ؟

  −− ئالاقىدار تۈزۈملەرنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى ماسلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.

  دوكلاتتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. بۇ يىل گۈڭگۈرت Ⅳ ئوكسىدى، ئازوت ئوكسىدى قويۇپ بېرىش مىقدارى %3 تۆۋەنلىتىلىدۇ، نۇقتىلىق رايونلاردا ئۇششاق دانچىلار (2.5PM) نىڭ قويۇقلۇقى داۋاملىق تۆۋەنلىتىلىدۇ. بېيجىڭ- تيەنجىن- خېبېي ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلار، چاڭجياڭ دېلتىسى، فېنخې- ۋېيخې تۈزلەڭلىكىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشى سىجىل قانات يايدۇرۇلىدۇ.

  قىزىق نۇقتا 4: ياشانغاندا كۈتۈنۈشكە قانداق كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؟

  −− كۈتۈنۈش پۇلى مۇۋاپىق ئاشۇرۇلىدۇ ھەمدە ۋاقتىدا تولۇق تارقىتىلىدۇ. مەھەللە كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىگە قارىتا باجنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق يار-يۆلەك بولۇش سىياسىتى يولغا قويۇلىدۇ.

  دوكلاتتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ مەركەز تەڭشەش نىسبىتى داۋاملىق ئۆستۈرۈلۈپ، بىر قىسىم دۆلەت كاپىتالى ئاجرىتىلىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى تولۇقلىنىدۇ. كۈتۈنۈش، بولۇپمۇ مەھەللە كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى كەسپى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇلۇپ، مەھەللىدە كۈندۈزى ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پەرۋىشى، تاماق ۋە يۈرۈشكە ياردەملىشىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قىلىدىغان ئاپپاراتلارغا قارىتا باج كەچۈرۈم قىلىش، مەبلەغ جەھەتتە قوللاش، سۇ، توك، گاز، ئىسسىنىش باھاسىدا ئېتىبار بېرىش قاتارلىق يار- يۆلەك بولۇش سىياسەتلىرى يولغا قويۇلىدۇ.

  قىزىق نۇقتا 5: كېسەل كۆرسىتىش تەس بولۇش، داۋالىنىش قىممەت بولۇش قانداق ھەل قىلىنىدۇ؟

  −− جايلار ئارا راسچوت قىلىش ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىدا ئاتچوت قىلىش نىسبىتى %50تىن %60كە ئۆستۈرۈلىدۇ.

  دوكلاتتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئاھالىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا مالىيەدىن بېرىلىدىغان ئوتتۇرىچە ياردەم ئۆلچىمى 30 يۈەن ئۆستۈرۈلىدۇ، يېرىمى ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىغا ئىشلىتىلىدۇ. ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىنىڭ باشلانما چىقىم نۇقتىسى تۆۋەنلىتىلىدۇ ھەم بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، ئاتچوت قىلىش نىسبىتى %50تىن %60كە ئۆستۈرۈلىدۇ. يۇقىرى قان بېسىمى، دىئابېت قاتارلىق كېسەللەردىكى ئامبۇلاتورىيەدە ئىشلىتىلىدىغان دورىلار داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئاتچوت قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ. ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالىنىش ھەققىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش سىياسىتى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.

  قىزىق نۇقتا 6: ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى قانداق پەسەيتىش كېرەك؟

  −− بۇ يىل ئالىي كەسپىي مەكتەپلەر 1 مىليون ئوقۇغۇچىنى كەڭ كۆلەمدە كۆپەيتىپ قوبۇل قىلىدۇ.

  دوكلاتتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئالىي كەسپىي مائارىپ مەكتەپلىرىگە ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش چارىسى ئىسلاھ قىلىنىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، تېخىمۇ كۆپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەر، ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشچىلار، دېھقان ئىشلەمچىلەر قاتارلىقلارنىڭ ئىمتىھان بېرىشىگە ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ، بۇ يىل 1 مىليون ئوقۇغۇچى كۆپەيتىپ قوبۇل قىلىنىدۇ.

  قىزىق نۇقتا 7: ئىستېمالنى قانداق ئاشۇرۇش لازىم؟

  −− يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشتىكى ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى داۋاملىق ئىجرا قىلىنىدۇ. يولدىن، كۆۋرۈكتىن ئۆتۈش ھەققىنى تۆۋەنلىتىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  دوكلاتتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. يېڭى تۈزىتىلگەن شەخسىي تاپاۋەت بېجى قانۇنىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشتىكى ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى داۋاملىق ئىجرا قىلىنىدۇ. ھەق ئېلىنىدىغان تاشيول تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، يولدىن، كۆۋرۈكتىن ئۆتۈش ھەققى تۆۋەنلىتىلىدۇ.

  قىزىق نۇقتا 8: ئۆي-زېمىن سىياسىتىدە قانداق يېڭى سىگناللار بېرىلدى؟

  −− تۇرالغۇ ئۆي بازىرى سىستېمىسى ۋە كاپالەت سىستېمىسىنى ئىسلاھات قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم.

  ئۆي-زېمىن بېجى قانۇنى چىقىرىشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.

  دوكلاتتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئاممىنىڭ تۇرالغۇ مەسىلىسىنى تېخىمۇ ياخشى ھەل قىلىپ، شەھەر سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۇرالغۇ ئۆي بازىرى سىستېمىسى ۋە كاپالەت سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. ئۆي-زېمىن بېجى قانۇنى چىقىرىشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.

  قىزىق نۇقتا 9: كونا ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەر قانداق قىلىپ بىنا ئۆيلەردە ئولتۇرالايدىغان بولىدۇ؟

  −− توك، سۇ، يول، گاز قاتارلىق يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەر يېڭىلىنىپ، لىفىت ئورنىتىشقا مەدەت بېرىلىدۇ.

  دوكلاتتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: شەھەر-بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنىڭ مىقدارى كۆپ، دائىرىسى كەڭ بولۇپ، زور كۈچ بىلەن ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش لازىم، توك، سۇ، يول، گاز قاتارلىق يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەرنى يېڭىلاپ، لىفىت ئورنىتىشنى قوللاش، خەلققە قولايلىق بازار، خەلققە قولايلىق دۇكان، پىيادىلەر كوچىسى، ماشىنا توختىتىش مەيدانى، توسالغۇسىز يول قاتارلىق تۇرمۇش مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم.

  قىزىق نۇقتا 10: تور سۈرئىتىنى تېزلىتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشتە قانداق يېڭى تەدبىرلەر بار؟

  −− كۆچمە تور ئېقىم مىقدارى ھەققى يەنە %20تىن ئارتۇق تۆۋەنلىتىلىدۇ، مەملىكەت بويىچە «نومۇر ئۆزگەرتمەي تور ئالماشتۇرۇش» يولغا قويۇلىدۇ.

  دوكلاتتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بۇ يىل ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ كەڭ بەلباغ ئوتتۇرىچە ھەققى يەنە %15 تۆۋەنلىتىلىدۇ، كۆچمە تور ئېقىم مىقدارى ھەققى يەنە %20تىن ئارتۇق تۆۋەنلىتىلىدۇ، مەملىكەت بويىچە «نومۇر ئۆزگەرتمەي تور ئالماشتۇرۇش» يولغا قويۇلىدۇ، يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت تەسىس قىلىش قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ھەقلەر ھەقىقىي تۆۋەنلىتىلىپ، ئىستېمالچىلار چۈشىنەلەيدىغان قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر