باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «دۆلەتنىڭ كەسپىي مائارىپ ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى

2019.02.14 16:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، گوۋۇيۈەن «دۆلەتنىڭ كەسپىي مائارىپ ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى.

  مەزكۇر «لايىھە»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يولداش شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، كەسپىي مائارىپنى چوقۇم مائارىپ ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ، ھەمدە ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورنىغا قويۇش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسىغا مۇلازىمەت قىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ۋە تېخىمۇ تولۇق بولغان ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېھتىياجىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇنى پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ يۈزلىنىشى ۋە بازار ئېھتىياجى بىلەن تۇتاشتۇرۇپ، كەسپىي مائارىپ ۋە تەربىيەلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەكتەپ ۋە كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە ئادەم تەربىيەلەش مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى يېتەكچى قىلىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ، بولۇپمۇ كارخانىلارنىڭ كەسپىي مائارىپىنى پائال قوللاشقا ئىلھام بېرىپ ۋە مەدەت بېرىپ، يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچىلەر ۋە تېخنىكا خادىملىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈش كېرەك.

  «لايىھە»دە يەنە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2019- يىلدىن باشلاپ، كەسپىي مەكتەپلەر ۋە قوللىنىشچان تولۇق كۇرس ئالىي مەكتەپلىرىدە، «ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى + بىر قانچە كەسپىي تېخنىكا دەرىجىسى گۇۋاھنامىسى» تۈزۈمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلۇشى كېرەك. 2022ـ يىلىغا بارغاندا، كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتى ئاساسىي جەھەتتىن ئۆلچەمگە يېتىپ، زور بىر تۈركۈم ئادەتتىكى تولۇق كۇرسلۇق ئالىي مەكتەپلەر ئەمەلىي تىپلىققا ئۆزگىرىشى كېرەك. 5 يىلدىن 10 يىلغىچە، كەسپىي مائارىپتا چوقۇم ئاساسىي جەھەتتىن ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئۇيۇشتۇرۇشنى ئاساس قىلغان ھۆكۈمەت بىر تۇتاش باشقۇرۇش ۋە جەمئىيەتنىڭ كۆپ مەنبەلىك مەكتەپ باشقۇرۇش ئەندىزىسىگە ئۆزگەرتىلىشى تاماملىنىپ، كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى قوغلىشىشتىن سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە ئۆزگەرتىلىپ، ئادەتتىكى مائارىپنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ئەندىزىسىدىن پايدىلىنىشتىن كارخانا ۋە جەمئىيەت قاتنىشىدىغان ۋە كەسپىي ئالاھىدىلىكى روشەن بولغان تۈردىكى مائارىپقا ئۆزگەرتىلىپ، يېڭى دەۋر كەسپىي مائارىپىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيىسى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلۈپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە دۆلەتنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈشنى ئەلا سۈپەتلىك ئىختىساسلىقلار بايلىقى بىلەن يۆلەش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر