باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ۋە گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «دوكلات» تارقىتىپ، جېجياڭنىڭ "مىڭ كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، تۈمەن كەنتنى تۈزەش» قۇرۇلۇشى تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشكە چاقىردى

يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2019.03.07 15:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ۋە گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «مەركەز يېزا خىزمىتى ئىشخانىسى، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىقلارنىڭ جېجياڭنىڭ "مىڭ كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، تۈمەن كەنتنى تۈزەش» قۇرۇلۇشى تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلاتى»نى تارقاتتى، ھەمدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار ۋە تارماقلاردىن ئۇنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەن ئۇدا يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. يېقىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم تەستىق ۋە يوليورۇق بېرىپ: جېجياڭنىڭ «مىڭ كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، تۈمەن كەنتنى تۈزەش» قۇرۇلۇشىنىڭ باشلىنىشى بالدۇر بولدى، يۆنىلىشى توغرا بولدى، ئۈنۈمىمۇ ياخشى بولدى. ئۇ پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئۈلگىلىك رول ئويناپلا قالماي، خەلقئارانىڭمۇ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، جايلارنىڭ بەلگىلەنگەن نىشانغا قاراپ داۋاملىق كۈچ چىقىرىشى، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇشى ۋە گۈزەل جۇڭگو بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىلىرىنى ئۈزلۈكسىز يېزىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشىمىز ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  «مەركەز يېزا خىزمىتى ئىشخانىسى، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ جېجياڭدىكى «مىڭ كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، تۈمەن كەنتنى تۈزەش» قۇرۇلۇشى تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلاتى»نىڭ ئاساسلىق مەزمۇنىنى بۇ يەرنى بېسىپ كۆرۈڭ

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر