باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خې لىفېڭ جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىمەكتە، دېدى

2019.03.07 16:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ ئاخبارات مەركىزى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىپ، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې لىفېڭ، مۇئاۋىن مۇدىرى نىڭ جىجې، ليەن ۋېيلياڭنى «ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش» توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.

  خې لىفېڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى توغرسىدىكى كۆزقاراش بولسا، ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئۆزگىرىش، ئۆزگىرىش داۋامىدا ئەنسىرەشتىن ئىبارەت، لېكىن ئومۇمىي يۈزلىنىشى يەنىلا مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتۇر.

  مۇقىملىق جەھەتتە، خې لىفېڭ مۇنداق دەپ قارىدى: گەۋدىلىك بىر قانچە ئالاھىدىلىك بار، بىرىنچى، ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر مۇقىم بولدى. بىر يىلدا ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر مۇۋاپىق دائىرىدە ئايلىنىشنى ساقلاپ، GDP ئومۇمىي مىقدارى 90 تىرىليون 30 مىليارد يۈەنگە يەتتى. يىللىق ئوتتۇرىچە پېرېۋوت نىسبىتى بويىچە ھېسابلىغاندا، ئاساسىي جەھەتتىن 13 تىرىليون 600 مىليارد دوللارغا تەڭ بولۇپ، ئېشىش نىسبىتى %6.6 بولدى، ئېشىش مىقدارى تەخمىنەن 1 تىرىليون 400 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولدى، ئېشىش نىسبىتى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى بەش چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى. بۇلتۇر ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمى ئېغىر، يەرشارى ئىقتىسادىنىڭ تەۋرىنىشى جىددىي ئەھۋالدا، جۇڭگونىڭ بۇ نەتىجىگە يەتمىكى ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﯜﭼﻪ ﺟﺎﭘﺎﻧﻰ ﺑﯩﻠﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎس؛ ئىككىنچى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇقىم بولدى، بازارلاردىكى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى 13 مىليون 610 كىشىگە يەتتى؛ ئۈچىنچى، 13 مىليون 860 مىڭ كىشى نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدى. «1 تىرىليون 400 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق GDP ئېشىش مىقدارى، 13 مىليون 610 مىڭ كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، 13 مىليون 860 مىڭ كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ___ بۇ ئۈچ سان پەقەت جۇڭگودىلا ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇقىم، تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ مۇقىم، باھانىڭ مۇقىم بولۇشى قاتارلىقلارمۇ بار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر