باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بىر تۈركۈم مەمۇرىي ئىجازەت ئىشلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈشنى قارار قىلدى

2019.03.07 15:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى، گوۋۇيۈەننىڭ مىنىستىرلىقلىرى، كومىتېتلىرى ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلىرى:

  تەتقىق قىلىپ دەلىللەش ئارقىلىق، گوۋۇيۈەن 25 تۈرلۈك مەمۇرىي ئىجازەت تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى، ھەمدە ئالتە تۈرلۈك مەمۇرىي ئىجازەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش قاتلىمىنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشنى قارار قىلىپ، ئۇنى ھازىر ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئالاقىدار قانۇنلارغا ئاساسەن بېكىتىلگەن يەنە بەش تۈرلۈك مەمۇرىي ئىجازەت ئىشلىرىغا قارىتا، گوۋۇيۈەن يەنە قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەرنى تۈزىتىشىگە سۇنىدۇ.

  جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار چوقۇم مەمۇرىي ئىجازەتنى بىكار قىلىش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈش ئىشلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە جىپسىلاشتۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەپ، ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ئىككى ئىختىيارىي بولۇش، بىر ئاشكارا بولۇش» بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، نۇقتىلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە ئىناۋەت بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، «ئالاقە تورى + نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش» قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ھەم قويۇۋېتەلەيدىغان، ھەم تۇتالايدىغان بولۇش، ھەمدە ياخشى باشقۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بۇ قارار ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ 20 خىزمەت كۈنى ئىچىدە، ئالاقىدار تارماقلار چوقۇم بەلگىلىمە بويىچە جەمئىيەتكە ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى ئېلان قىلىش، ھەمدە تەشۋىق قىلىپ چۈشەندۈرۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر