- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا 520 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدى
2019.03.01 08:42 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چېن لېي 2-ئاينىڭ 27-كۈنى نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ نەتىجىسى ھەققىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ 2018-يىلى ئاجراتقان 33 مىليارد 411 مىليون يۈەنلىك نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنىڭ ئىچىدە، نامراتلىق دەرىجىسى ئېغىر، نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى زور بولغان جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا ئاجرىتىلغان مەبلەغ %92.3 نى ئىگىلىدى.
جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى-ئېلىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى نۇقتىلىق رايونلارنىڭ بىرى، 2018-يىلى بۇ جايلاردا 520 مىڭ 900 ئادەم نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، نامراتلىق نىسبىتى %10.4 كە چۈشۈپ، رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ماھىيەتلىك قەدەم تاشلاندى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر