باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزدى

2019.03.01 08:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزدى، بۇلتۇر، ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ئېشىندى ئەمگەكچىلىرىدىن ئىككى مىليون 805 مىڭ ئادەم قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  بۇ ئىككى كۈندە، يۈەن گې پات ئارىدا تېجارەت باشلايدىغان مېۋە-كۆكتاتلىق چۆپ سېتىش دۇكىنىغا مال كىرگۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولدى. زاۋۇت قۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىشتىن دۇكان ئېچىپ تېجارەت قىلىشقىچە بىر يىلغىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت سەرپ قىلدى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: بىزنى قانداق ئىگىلىك تىكلەش توغرىسىدا يېتەكلەيدىغان ئۇستاز بار، بىزگە ئىگىلىك تىكلەش بىناسىدىن ئىشخانا بەردى، ھەممىسى ھەقسىز، بىزگە بەك كۆپ ياردەم بەردى.

  بۇرۇن قازان بېشىغا بېرىشنى خالىمايدىغان ئەخمەت تۇنىياز بۇلتۇر مەھەللە ھەقسىز ئاچقان ئۈچ ئايلىق ئاشپەزلىك كۇرسىغا قاتناشتى. كۇرس تاماملاپ ئىككىنچى ئېيىدىلا ئاشخانا ئاچتى. ئۇ: سودا ناھايىتى ياخشى، يەنە بىر ئاشخانا ئېچىشنى ئويلاۋاتىمەن، دەيدۇ.

  بۇ بىر يىلدا، ئاقسۇ ۋىلايىتى 18 مىڭ كىشى ئىگىلىك تىكلەپ 37 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشنى تۇنجى قېتىم ئىشقا ئاشۇردى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىشلەمچىلەر ئاساسىنىڭ ئاجىزلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، زاكاس قىلىش، ئىش ئورنى بېكىتىش، ھاۋالىلىق تېخنىك تەربىيلەش ۋە كەسپىي تەربىيەلەشنى قاناتيايدۇردى. ئاقسۇ تېخنىك شۆيۈەنى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىرى پولات ئەزىز مۇنداق دېدى: بىز ئاۋال بازار تەكشۈرۈپ، قايسى جەھەتلەردىكى كەسىپ، تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىغا ئېھتىياج بارلىقىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، بۇ ئېھتىياجغا ئاساسەن ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى تونۇشتۇرۇپ ئىمكانقەدەر تېزراق ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق.

  بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن ئون مىڭ نامرات نوپۇسنى ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە تەربىيەلىدى، ھازىر 1300 كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتى. ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باشلىقى نۇردۇن ئىبراھىم تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئىككى ئېغىر نامرات ناھىيەمىز نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلايدۇ، بىز ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى ۋە شارائىتى بار بارلىق كىىشلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر