باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىگە ئىجابى باھا بەردى

2019.03.05 16:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2019-يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلبە قىلىش، بىرىنچى يۈز يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق يىل. دۇنيا نەزىرىنى يەنە بىر قېتىم جۇڭگونىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنىغا قاراتتى. چەت ئەللىك مۇتەخەسسىس، ئالىملار بەس-بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم يولىدا قەتئى تەۋرەنمەي مېڭىش جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك تەرەققىيات نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىدىكى ھالقىلىق ئامىل.

  ئىسپانىيە خۇئان كارلوس پادىشاھ داشۆسىنىڭ پروفېسسورى فىلىپ دېباس مۇنداق دېدى: جۇڭگو دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندى، دۇنيا سەھنىسىدە بارغانسېرى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا، بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈم ۋە جوڭگۇ كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ جۇڭگونىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئۇزاق مەدەنىيىتىدە يىلتىز تارتىشى ۋە تەرەققىيات تەجرىبىسىنىڭ پايدىسىدىن بولغان. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنيادىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان باشقا دۆلەتلەرنى ئىقتىسادنى تېز ئاشۇرۇش، نامراتلىقنى تۈگىتىشتە ئۆرنەك قىلىدىغان يول بىلەن تەمىنلىدى.

  فىلىپپىن «سودا ئەينەك گېزىتى» نىڭ مەخسۇس سىتون يازغۇچىسى ئىنىستو ھىلارىئونىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا دىققەت قىلىۋاتقىنىغا 40 نەچچە يىل بولدى. ئۇ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكى بولمىسا، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ساھەلىرىنىڭ بۈگۈنكىدەك تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە ئېرىشىشى مۇمكىن ئەمەس. جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قەتئىي ئىرادىسى بار، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ زور ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇماقتا، بۇ ھازىرقى زامان جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى، ئالغا ئىلگىرىلىشىنىڭ تۈپ تۈزۈم كاپالىتى.

  برازىلىيە رىئودېژانېيرو كاتولىك دىنى داشۆسىنىڭ پروفېسسورى پائۇل روبېرت مۇنداق دېدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تۈزۈم ناھايىتى نۇرغۇن ئەۋزەللىككە ئىگە. بۇنىڭ ئىنتايىن مۇھىم تەرىپى جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكى. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە جۇڭگو كومپارتىيەسى كۈچلۈك رەھبەرلىك قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكىلەرنىڭ كۈچى مۇجەسسەملەپ، ھەممە بىر نىيەتكە كېلىپ ئىلگىرى ئورۇنلاش مۇمكىن بولمايدىغان ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىدى.

  پىۋوۋارىۋا رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى يىراق شەرق تەتقىقاتخانىسىنىڭ باش تەتقىقاتچىسى، ئۇزۇن مۇددەت جۇڭگونىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تۈزۈمىنى تەتقىق قىلغان، ئۇ«جۇڭگوچە سوتسىيالىزم» دېگەن كىتاپنى يازغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىدىكى مۇھىم بىر سەۋەب، جۇڭگونىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئەينەن كۆچۈرۈپ كەلمەي بەلكى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي ماڭغانلىقى، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يولى باشقا دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆزگىچە مۇھىم ئۆرنەك بولدى.

  جەنۇبىي ئافرىقا جوھانىسبورگ داشۆسى ئافرىقا-جۇڭگو تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى داۋىد مونىياھ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: جۇڭگو كومپارتىيەسى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى ئىستىل، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، رەزىللىكنى جازالاپ، يېڭى قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى، جۇڭگو خەلقىنى ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلەش ئىقتىدارى بار.

  جۇڭگونىڭ ئىسلاھات دوستلۇق مېدالىغا ئېرىشكۈچى، ئامېرىكا كۇخن فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى روبېرت لاۋرېنس كۇخن مۇنداق دېدى: سىياسىي جەھەتتىن كېڭىشىش جۇڭگونىڭ سىياسىي تۈزۈمىنىڭ ئىنتايىن ئالاھىدە تەركىبىي قىسمى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئۆز ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق مۇتەخەسىسلەر، سىياسىي جەھەتتىن كېڭىشىش تۈزۈمى ئاممىنىڭ پىكرىنى قوللىنىشچان ئىدارە قىلىش تەكلىپىگە ئايلاندۇرۇش جەھەتتە غايەت زور رول ئوينايدۇ.

  مىسىر خىلۋان داشۆسىنىڭ سىياسىي پروفېسسورى يەھيا مۇنداق دېدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى خەلقنى مەركەز قىلىش ئاساسىي مەقسىتىگە ئەمەل قىلىپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئادىللىقى، ھەققانىيلىقى ۋە ئىلغار ئىدىيە، مەدەنىيەتنى قوغدىدى ھەمدە ئەمەلىيەت داۋامىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى ئۈزلۈكسىز يەكۈنلەپ، يىتەرسىزلىك ۋە كەمچىلىكلەرنى ۋاقتىدا تۈزىتىپ، باشتىن-ئاخىر يۈكسەك قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى ساقلىدى.

  ھىندونېزىيە كارخانىچىلار جەمئىيىتىنىڭ باش رەئىسى خالىياد سۇگاندانى مۇنداق دېدى : جۇڭگونىڭ تېخنىكا ساھەسىدىكى نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، سېفىرلىق ئىقتىساد كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ، قۇرۇلمىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھاياتىي كۈچكە تولغان. جۇڭگو جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇردى، بۇ يول سىناقلاردىن ئۆتكەن ئەلنى خاتىرجەم قىلىش يولى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر