باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ: غەربىي رايوندىكى كارخانىلارنىڭ تاپاۋەت بېجىدا ئېتىبار بېرىش قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭ قەرەلى توشقاندىن كېيىن، ئۇ سىياسەتلەر داۋاملىق ئىجرا قىلىنىدۇ

2019.03.06 14:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5- مارت چۈشتىن بۇرۇن، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2- يىغىنى خەلق سارىيىدا ئېچىلدى، يىغىندا گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  لى كېچياڭ 2019- يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتى ۋەزىپىسىنى تىلغا ئالغاندا مۇنداق دېدى: رايون تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. غەربىي رايوننى ئېچىش ۋە ئېچىۋېتىشكە دائىر يېڭى سىياسەت-تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، غەربىي رايوندىكى كارخانىلارنىڭ تاپاۋەت بېجىدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭ قەرەلى توشقاندىن كېيىنمۇ يەنە ئۇ سىياسەتلەر داۋاملىق ئىجرا قىلىنىشى كېرەك. شەرقىي شىمالنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشى، ئوتتۇرا رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشى ۋە شەرقىي رايونلارنىڭ ئالدىن تەرەققىي قىلىشى قاتارلىقلارنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىسلاھات ۋە يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتى بولسا، بېيجىڭنىڭ پايتەختتىن باشقا فۇنكسىيىسىنى راۋانلاشتۇرۇپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى يۇقىرى ئۆلچەم بىلەن قۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرگەنلىك ھېسابلىنىدۇ. گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن داۋەن رايونى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قائىدىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنىڭ يۆتكىلىشى ۋە خادىملارنىڭ بېرىش-كېلىشىنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. چاڭجياڭ دەرياسى دېلتىسى رايونىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تەرەققىياتىنى دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ئورنىغا كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانى پروگراممىسىنى تۈزۈپ يولغا قويۇش كېرەك. چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىدا يۇقىرى، ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىننى ماسلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئۇنىۋېرسال قاتناش-تىرانسپورت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئىقتىساد بەلبېغىنى بەرپا قىلىش كېرەك. بايلىق تىپىدىكى رايونلارنىڭ ئىقتىساد تىپىنى ئۆزگەرتىشىنى قوللاش كېرەك. كونا ئىنقىلابىي رايونلار، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چېگرا رايونلار ۋە نامرات رايونلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تېزدىن تولۇقلاش كېرەك. كۆك ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، دېڭىز-ئوكيان مۇھىتىنى قوغداپ، كۈچلۈك دېڭىز-ئوكيان دۆلىتى قۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر