باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مياۋ ۋېي بۇ يىل يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن بارلىق يان تېلېفون ئابونتلىرىنىڭ نومۇر ئۆزگەرتمەي ئىختىيارىچە تور ئالماشتۇرۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2019.03.06 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۈرەتتە: سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقنىڭ مىنىستىرى مياۋ ۋېي مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرمەكتە.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-مارت چۈشتىن بۇرۇن، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، 2019-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندىكى 2- مەيدان «مىنىستىرلار يولى» پائالىيىتى خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى مياۋ ۋېي مۇنداق دېدى: بۇ يىل يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن بارلىق يان تېلېفون ئابونتلىرىنىڭ نومۇر ئۆزگەرتمەي ئىختىيارىچە تور ئۆزگەرتىشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، ئابونتلار بىر شىركەتتىن نارازى بولسا، يان تېلېفون نومۇرىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ، باشقا بىر شىركەتنىڭ مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشىنى تاللىسا بولىدۇ.

  مياۋ ۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇلتۇرنىڭ يىل ئاخىرىغىچە، 100 مېگابايتلىق ئوپتىك تالانى ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈشنىڭ پۈتكۈل ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈشتە ئىگىلىگەن نىسبىتى %70تىن يۇقىرى بولدى، ھازىر 100 مېگابايتلىق ئوپتىك تالانى ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملىشىپ بولدى. سىمسىز كەڭ بەلباغ ئابونتلىرىنى ئېيتساق، بۇ يىل 2-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، يان تېلېفون خېرىدارى 1 مىليارد 560 مىليونغا يېتىپ، ئېلىمىزنىڭ نوپۇس سانىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتتى، ئەگەر يان تېلېفون ئىشلەتمەيدىغان ياشانغانلار، بوۋاقلارنى چىقىرىۋەتسەك، نۇرغۇن كىشىلەردە ھازىر بىر ئادەمدە ئىككى يان تېلېفون بار. ھەقنى تۆۋەنلىتىش جەھەتتە، ئۇدا نەچچە يىل كۆچمە ئالاقە ئېقىم مىقدارىنىڭ ئالاقىلىشىش ھەققى تۆۋەنلىتىلىپ، كەزمە ھەققى بىكار قىلىنىپ، بۇ جەھەتلەردە ياخشى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

  مياۋ يۈ مۇنداق دېدى: بۇلتۇردىن باشلاپ سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىشنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ھازىر نۇرغۇن ئابونتلار ئاللىقاچان WIFIدىن ئىبارەت بۇ خىل تورغا چىقىش شەكلىنى ئىشلەتمەيدىغان، يان تېلېفون نومۇرىدا بىۋاسىتە تورغا چىقىدىغان بولدى، بۇنىڭ ھەققى ئۆيدىكى مۇقىم WIFIنىڭ ھەققىدىن تېخىمۇ قىممەت بولۇشى ناتايىن، بۇ بىر خىل يۈزلىنىش. ئەلۋەتتە، خەلق ئاممىسىنىڭ سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىشكە يەنىمۇ ئېھتىياجى بار. بۈگۈنكى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتىمۇ بۇ يىل سۈرئەتنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىشتىكى ھەرىكەتلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مياۋ ۋېي مۇنداق دېدى: ئالدى بىلەن 1000 مېگابايتلىق ئوپتىك تالانى ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش، ئۈلگە كۆرسىتىش قانات يايدۇرۇلۇپ، ئىلگىرىكى %70نى ئىگىلەيدىغان 100 مېگابايتلىق ئوپتىك تالا ئابونتلىرىنىڭ بىر قىسمى 1000 مېگابايتلىق ئوپتىك تالاغا ئۆزگەرتىلىدۇ. ئىككىنچى قەدەمدە، كۆچمە ئېقىم مىقدارىنىڭ خەۋەرلىشىش ھەققى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىلىدۇ، يەككە باھاسى بۇلتۇرقى %63 تۆۋەنلەش ئاساسىدا، بۇ يىل يەنە %20تىن كۆپرەك تۆۋەنلىتىلىدۇ. ئۈچىنچى قەدەمدە، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ مەخسۇس لىنىيە ھەققى %15تىن يۇقىرى تۆۋەنلىتىلىدۇ. تۆتىنچى قەدەمدە، يەنە يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن بارلىق يان تېلېفون ئابونتلىرىنىڭ نومۇر ئۆزگەرتمەي ئىختىيارىچە تور ئالماشتۇرۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، ئابونتلار بىر شىركەتتىن نارازى بولسا، يان تېلېفون نومۇرىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ، باشقا بىر شىركەتنىڭ مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشىنى تاللىسا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر