باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ۋاڭ ياڭ 2019-يىلى سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئالتە جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دېدى

2019.03.04 14:41   مەنبە: خەلق تورى

ۋاڭ ياڭ 2019-يىلى سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئالتە جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دېدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنى 3-مارت چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن خىزمەت دوكلاتى بەردى.

  ۋاڭ ياڭ 2019-يىلى سىياسىي كېڭەشنىڭ ئالتە تۈرلۈك ئاساسلىق ۋەزىپىلىرىنى تونۇشتۇردى:

  (بىرىنچى) شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش لازىم.

  (ئىككىنچى) پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، پىكىرلەرنى بېرىش لازىم.(ئۈچىنچى) ئىتتىپاقلىشىش، دوستلىشىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش لازىم.

  (تۆتىنچى) جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشقا ئەقىل ۋە كۈچ قوشۇپ، يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئۆزئارا زىيارىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، جامائەت دىپلوماتىيەسى، ئادىمىيەت ئالاقىسى مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش لازىم.

  (بەشىنچى) سىياسىي كېڭەشنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى پۇختا، ياخشى تۇتۇش لازىم.

  (ئالتىنچى) خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەش ۋە قانات يايدۇرۇش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر