خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 3-كۈنى، تايۈن تېغىدا قاردىن كېيىنكى تۇنجى تۇمان پەيدا بولدى، بۇلۇت ۋە تۇمان قاپلىغان تايۈن تېغى. (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان)
قاردىن كېيىن، چىنلىڭ تېغىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان تايۈن تېغى مەنزىرە رايونى بۇلۇتلارنىڭ ئارىسىدا قېلىپ، سېھىرلىك مەنزىرىنى نامايان قىلدى. شەنشى ئۆلكىسىنىڭ جېنئەن ناھىيەسى سەيپىڭ بازىرى تەۋەسىدىكى تايۈن تېغىنىڭ ئاساسلىق چوققىسىنىڭ ئۈستىدىكى ئىمارەتلەر مىڭ سۇلالسىنىڭ جېڭدې يىللىرىدا سېلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئالتۇن قۇببىلىق بۇدساتۋا سارىيى تايۈن تېغىنىڭ مىڭ گەز ئېگىز چوققىسىدا بولۇپ، يىراقتىن قارىسىڭىز ناھايىتى ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى