باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ ۋېنېزۇئېلاغا بەرمەكچى بولغان ئىسانپەرۋەلىك ياردىمى كىشلەر ئويلىغانغا ئوخشىمايدۇ

2019.03.04 16:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ۋېنېزۇئېلا كېرزىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ئامېرىكا ۋېنېزۇئېلاغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىشنى باھانە قىلىپ، ۋېنېزۇئېلادىكى ئۆكتىچى گورۇھىنى قوللاشقا ئۇرۇندى، بىراق ئامېرىكىنىڭ بۇ سۇيقەستى ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەت قىلىندى، ئامېرىكىنىڭ ۋېنېزۇئېلاغا بەرمەكچى بولغان ئىسانپەرۋەلىك ياردىمى كىشلەر ئويلىغانغا ئوخشىمايدۇ.

  ئامېرىكا يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان كۆپ قېتىم ۋېنېزۇئېلا بىلەن كولومبىيە ۋە بىرازىلىيە چېگراسىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ماددىي ئەشياھسىنى يۆتكىدى، لېكىن ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتى بۇنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلدى.

  بەزىلەر مۇنداق دەپ ھىسابلىدى: ۋېنېسۇئېلانىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى ئەمەس تۇرۇپ، بۇ بىر تۈركۈم ياردەمنى نېمىشقا قوبۇل قىلمايدۇ؟ئەمەلىيەتتە، بۇ بىر تۈركۈم ئىنسانپەرۋەرلىك يۈزسىدىن ياردەم بېرىلگەن ماددىي ئەشيانىڭ كەينىدىكى ھېكايە ئاددىي ئەمەس.

  ئەمەلىيەتتە، ۋېنېسۇئېلا خەلقئارا ياردەم بېرىش ئادىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ياردەملەرنى ئىزچىل قوبۇل قىلىپ كەلدى؛ ۋېنسۇئېلانىڭ ئامېرىكىنىڭ بۇ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ماددىي ئەشياسىنى قوبۇل قىلماسلىقتىكى سەۋىبى ئامېرىكىنىڭ مەقسىتى - بۇ ماددىي ئەشيا ئارقىلىق ئۆزىنى « ۋاقىتلىق زۇڭتۇڭ » دەپ ئاتىۋالغان ئۆكتىچى پارتىيە رەھبىرى گۋائىدۇنى سىياسىي جەھەتتە قوللاشتىن ئىبارەت.

  بۇ ماددى ئەشيالار ئەسلىدە 2-ئاينىڭ 23-كۈنى يەنى گۋائىدۇ ئۆزىنى ۋاقىتلىق زۇڭتۇڭ دەپ ئاتىغانلىقىغا بىر ئاي بولغاندا، ۋېنېسۇئېللا، برازىلىيە ۋە كولومبىيە چېگرسى ئارقىلىق چېگرادىن كىرىشى كېرەك ئىدى. ئەگەر ئامېرىكىنىڭ ياردەم بەرگەن ماددىي ئەشيالىرى چېگرىدىن كىرگۈزۈلىدىغان بولسا، گۋائىدۇ ئۆمىكى بۇ ماددىي بۇيۇملارنى بىۋاسىتە قوبۇل قىلدۇ ھەمدە ئاممىغا تارقىتىپ بېرىدۇ، بۇ گۋائىدۇنى قوللاش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈدۇ.

  ئەمما، 2-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن بۇرۇن، ۋېنېزۇئېلانىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئالىياس ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن كۆپ قېتىم ئالاقىلاشقان، ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتى ھازىر ئىھتىياجلىق بولغان دورا ۋە يېمەكلىك بۇيۇملارنىڭ تىزىملىكىنى سۇنغان.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتى يەنە ۋېنېزۇئېلانىڭ دۆلەت ئىچىدىكى دورا ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلەشكە يېتەرلىك كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مېخانىزمى ئارقىلىق ۋېنېزۇئېلاغا بەرگەن ئىنسانپەرۋەرلىك تېخنىكا ياردىمىنى قوبۇل قىلدى. ۋېنېزۇئېلا كەلگۈسىدە بۇ ياردەمنى قايتۇردىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى. ئۇندىن باشقا، رۇسىيە، كۇبا بىلەن پان ئامېرىكا سەھىيە تەشكىلاتى ياردەم بەرگەن ماددىي ئەشيالارمۇ يېقىندا ۋېنېزۇئېلا پورتىغا يېتىپ كەلدى.

  ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتى، ئامېرىكىنىڭ ۋېنېسۇئېلاغا ئىنسانپەرۋەرلىك يۈزسىدىن بەرگەن بۇ ماددى ئەشيالارنى قوبۇل قىلىشىنى تەلەپ قىلىشىنىڭ سىياسىي پوپوزا بولۇپ، بىر مەيدان ئەرزان باھالىق «تەشۋىقات ئويۇنى » ئىكەنلىكىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى. ھەرقانداق ياردەم سىياسىي شەرتى ھەتتا قورال كۈچى بىلەن تەھدىت ئىشلىتىش تۈسىنى ئالماستىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ئارقىلىق بىر تۇتاش تەشكىللەپ يولغا قويۇلۇشى كېرەك.

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا: ئامېرىكا ۋېنېسۇئېلا چېگرىسىغا نەچچە يۈز توننا ماددىي ئەشيا يۆتكىگەن . ئەگەر بۇ ماددىي ئەشيالار ۋېنېزۇئېلا تەۋەسىگە ئېلىپ كېرلىدىغان بولسا، ۋېنېسۇئېلا نۆۋەتتە دۇچ كەلگەن يېمەكلىك كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلالامدۇ ؟

  ئوتتۇرا تۆۋەن قاتلام ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 2016-يىلدىن ھازىرغىچە، ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتى ئاممىنى ئىزچىل تۈردە مالنى ئۆيگە ئاپىرىپ بېرىدىغان يېمەكلىك ساندۇقى بىلەن تەمىنلەپ كەلدى، يەرلىك تەمىنلەش ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى قەرەللىك ھالدا مەھەللە ئىچىدە تىزىمغا ئالدۇرغانلارغا ئائىلىمۇ ئائىلە تارقىتىپ بەردى.مۇخبىرنىڭ كۆپ تەرەپتىن ئىگىلىشىچە: بۇ تەدبىر ئاز دېگەندە 3 مىليون ئائىلىنى قاپلىغان بولۇپ ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %30 -%40 نى ئىگىلىگەن.

  يېمەكلىك ساندۇقىغا ئادەتتە گۈرۈچ، قارا پۇرچاق، كۆممىقوناق ئۇنى، ئىتالىيە چۆپى، يېمەكلىك ماي، سۈت پاراشوكى، تۇننۇس بېلىقى كونسېرۋاسى، ئاق شېكەر قاتارلىق 10 نەچچە خىل يېمەكلىك قاچىلانغان بولۇپ، ئېغىرلىقى 15 كىلوگرام كېلىدىكەن. رايونلارنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، يېمەكلىك ساندۇقىنى ئۆيگە ئاپىرىپ بېرىش نىسپىتى ھەر ئايدا بىر قېتىمدىن ئىككى قېتىمغىچە بولۇپ، سېتىلىش باھاسىنى ئامېرىكا دوللىرىغا سۇندۇرغاندا 0.2 ئامېرىكا دوللىرى كېلىدىكەن.

  مۇشۇنداق ھېسابلىغاندا،ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتى ھەر ئايدا دېگۈدەك دۆلەت ئىچىدىكى خەلق ئاممىسىغا ئاساسەن ھەقسىز تارقىتىۋاتقان يېمەكلىكلەرنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ئاز دېگەندە 50 مىڭ توننىدىن ئاشىدىكەن، بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكا بۇ قېتىم تەمىنلىگەن نەچچە يۈز توننا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بەرگەن ماددىي ئەشياسى پەقەت ساقالدىكى ئاشقا قورساق تويماپتۇ دېگەندەك ئىش ئىكەن.

  ئۇندىن باشقا، ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتى يەنە پۈتۈن مەملىكەتتە « ۋەتەن كارتىسى »، پۇل كىرىم-چىقىم قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئېلېكترونلۇق كىملىك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى يولغا قويدى، نۆۋەتتە ۋېنېزۇئېلادا بۇ كارتىنى ئىشلىتدىغانلار 18 مىليۇندىن ئىشىپ كەتتى. « ۋەتەن كارتىس » ئارقىلىق، ئامما قەرەللىك ھالدا يېمەكلىك ياردەم پۇلى، پېنسىيە ياردەم پۇلى، قانۇندا بېكىتىلگەن بايرامدا بېرىلىدىغان ئالاھىدە ياردەم پۇلى قاتارلىق ھۆكۈمەت تارقاتقان تۈرلۈك ياردەم پۇل تولۇقلىمىسىغا ئىگە بولىدۇ.

  يەنە بىر تەرەپتىن، ۋېنېزۇئېلادا سۇ پۇلى، توك پۇلى، گاز پۇلى ۋە بېنزىن باھاسى ئاساسەن ھەقسىز، شۇڭا كۆپ ساندىكى پۇقرالار ئۇدا داۋاملاشقان يۇقىرى پۇل پاخاللىقى ئاستىدا يەنىلا ئاساسلىق تۇرمۇشىنى قامداپ كەلدى، بىراق بۇ چىقىمنى زور مىقداردىكى مالىيە مەنبەسى ئارقىلىق تولۇقلاشقا توغرا كېلىدۇ.

  ئامېرىكا ئىنسانپەرۋەرلىك يۈزىسىدىن بەرگەن ماددىي بۇيۇملىرىنى ۋېنېزۇئېلاغا كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ۋېنېسۇئېلاغا قارىتا يولغا قويغان جازالاشنىمۇ كۈچەيتىپ، ئوبيېكتىپ جەھەتتە ۋېنېزۇئېلانىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر