سۈرەتتە: چەت ئەللىك مېھمانلار شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرىدا ئېكسكۇرسىيە ۋە تەكشۈرۈشتە بولدى (2- ئاينىڭ 25-كۈنى تارتىلغان).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27-فېۋرال، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمى بىلەن ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «جۇڭگونىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى − شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەمەلىيىتى» مەخسۇس تېمىلىق تەشۋىقات- تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. 30غا يېقىن دۆلەتتىكى تەخمىنەن 50چە پارتىيەدىن كەلگەن 200 دىن ئارتۇق چەت ئەللىك مېھمانلار بۇ قېتىمقى تەشۋىقات- تونۇشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى. يىغىندىن ئىلگىرى، چەت ئەللىك مېھمانلار بىر قاتار ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەتلەر ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى.
شىنجاڭ شۇنچە چوڭ، مىللەتلەر شۇنچە كۆپ تۇرسا، تەرەققىياتى زادى قانداقراقتۇ؟ نەچچە كۈندىن بۇيان، نېپال كومپارتىيەسى (ماركسىزم-لېنىنىزمچىلار ئىتتىپاقى)نىڭ باش شۇجىسى مەينالنىڭ قەلبىدىكى گۇمان تەدرىجىي يېشىلدى. ئۇ چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسى، كوچا- مەھەللىلەرنى زىيارەت قىلىش، مەسچىت قاتارلىق دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت گۈللەنگەن، مۇقىم، مىللەتلەر ئىناق، بىللە ئۆتىدىغان ياخشى ۋەزىيەتكە ئۆز كۆزى بىلەن گۇۋاھ بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەينال مۇنداق دېدى: «دۇنيادا كۆپ مىللەتلىك دۆلەتلەر ناھايىتى كۆپ، ئەمما سىياسەت تۈزگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەنپەئىتىنى تولۇق نەزەرگە ئېلىپ كېتەلمەيدۇ». جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۆز دۆلىتىدىكى ھەر قانداق بىر مىللەتنى چەتلەشتۈرمەپتۇ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قانۇنلۇق مەنپەئەتى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىپتۇ، بۇ نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدۇ.
پېرۇ كومپارتىيەسى (ئىتتىپاقى) نىڭ باش شۇجىسى بىلىيانۇئېۋامۇ ئوخشاش ھېسىياتقا ئىگە بولۇپ، ئۇ: جۇڭگونىڭ يەر كۆلىمى كەڭ، مىللەتلەر كۆپ، ياخشى ئىدارە قىلىش ھەرگىزمۇ ئاسان ئىش ئەمەس. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭدا يەر شارائىتىغا قاراپ بىر قاتار ئېتىبار سىياسەتلىرى ۋە خەلق تۇرمۇشى تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، بۇ يەردىكى ھەر مىللەت خەلقىگە بەخت يارىتىپ، جەمئىيەتنى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندۇرۇپ، ھاياتىي كۈچكە تولدۇرۇپتۇ، دېدى.
سېربىيە سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پرېدراگ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتى دېڭىز بويى رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپلا قالماستىن، ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونلىرىنىڭ سانائەتلىشىش مۇساپىسىگىمۇ ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپتۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئاستىدا، شىنجاڭ رايون ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىقنى تېخىمۇ ياخشى قانات يايدۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن چوڭقۇر بىر ئىزدا ماڭالايدۇ.
رۇسىيە كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لېسكىن «ھەر قايسى مىللەتلەر ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش» دېگەن بۇ سۆزگە قارىتا چوڭقۇر ئوخشاش ھېسسىياتتا بولدى. ئۇ رۇسىيەدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىك كىتابتىكى بىر ھېكايىنى ئەسلەپ قالدى — ئاتا بالىلىرىنى بىر سۈپۈرگىنى سۇندۇرۇپ بېقىشقا بۇيرۇپتۇ، بىراق بالىلىرى سۇندۇرالماپتۇ. لېكىن سۈپۈرگىنىڭ ھەر بىر شېخىنى چۇۋۇپ ئايرىپتىكەن، ناھايىتى ئاسانلا سۇندۇرالاپتۇ.
لېسكىن: «شۇڭا، ئىتتىپاقلاشقاندا، يىمىرىلمەس بولغىلى بولىدۇ»، دېدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى