باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقان مىكرو كۆرۈنۈشى

«گاجاغا قايسى يول بىلەن بارىدۇ؟» («ئىككى يىغىن» نەق مەيدانىنى كۆزىتىش)

2019.03.06 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يۇرتداشلارنىڭ ھاۋالىسىنى تاماملىغان ۋۇ يۈنبونىڭ كۆڭلى خاتىرجەم بولدى.

  ئۇ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى توڭلياۋ شەھىرى زارۇد خوشۇنى بايانتالاسۇم شەرقىي سالاگاجا پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، قوشۇمچە كەنت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى. بېيجىڭغا كېلىشتىن بۇرۇن، كۆپچىلىك ئۇنىڭغا مۇنداق دەپ تاپىلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە، چوقۇم سالىمىمىزنى يەتكۈزۈڭ، تەكلىپ قىلغىنىمزنى يەتكۈزۈڭ.

  5-مارت چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا، ۋۇ يۈنبو باش شۇجىنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇردى. پىكىر بايان قىلىش نۆۋىتى ئۇنىڭغا كەلگەندە، ئۇ سۆزىنى مۇنداق باشلىدى: «بىزنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى چارۋىچىلارنىڭ ھەممىسى سىزنى بەك ياخشى كۆرىدۇ، سىز ئۈچۈن ئالقىش ياڭرىتىدۇ»، __ سۆزى ئاخىرلاشقاندا، ئۇ يەنە يۇقىرى ئاۋازدا تولۇقلاپ مۇنداق دېدى: «كەنت ئاھالىلىرى سىزنى گاجاغا كېلىپ كۆرۈپ بېقىشقا چىن قەلبىدىن تەكلىپ قىلىدۇ».

  باش شۇجى كۈلۈپ تۇرۇپ سورىدى: «گاجاغا قايسى يول بىلەن بارىدۇ؟»

  __ «ئايروپىلان، پويىز، ماشىنا ھەممىسىدە بارغىلى بولىدۇ»،- بۇ تومتاق بەرگەن جاۋابنى ئاڭلاپ، مەيداندا كۈلكە كۆتۈرۈلدى.

  __ «قېنى يولنى دەپ بېقىڭ»-دېدى باش شۇجى.

  __ «بېيجىڭدىن ئۇچۇپ تۇڭلياۋ شەھىرى خورچىن ئايرودرومىغا قونىسىز، ئۇنىڭدىن كېيىن … بىز ئالغىلى بارىمىز.» يىغىن مەيدانىدا كۈلكە تېخىمۇ قويۇق بولدى.

  ئەمەلىيەتتە، باش شۇجىنىڭ كۆڭلىدە ئويلىغىنى، ئۇزۇندىن بۇيان بىپايان يايلاقتا «سەپەرگە چىقىش تەس بولۇش» ئىشى ئىدى. باش شۇجى مۇنداق دەپ سورىدى: «توڭلياۋ شەھىرى رايونى سىلەرنىڭ ئۇ يەردىن قانچىلىك يىراق؟ قاتناش قولايلىقمۇ؟»

  __ «قولايلىق! ماشىنىغا ئولتۇرۇپ بىر يېرىم سائەتتە بارغىلى بولىدۇ.»

  ئەگەر گاجاغا بارسا، باش شۇجىغا نېمىنى كۆرسەتسە بولىدۇ؟ ۋۇ يۈنبو بىر قانچىلىغان نۇقتىلارنى پىلانلاپ قويغانىدى. سۆز قىلغاندا، ئۇ گاجانىڭ ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش توغرىسىدىكى خىزمەتلىرىنى تونۇشتۇردى، كېيىنكى قەدەمدىكى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدا سۆزلىدى، تېخىمۇ چوڭ تەرەققىياتقا نىسبەتەن ئىرادە باغلىدى.

  __« سىلەر بىر سەيلى-ساياھەت بازىسى كەسپىنى قۇرماقچىكەنسىلەر، ئۇ ئاساسلىقى قانداق شەكىلدە؟» __ باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋۇ يۈنبو ئېيتقان تەرەققىيات تۈرىگە ناھايىتى قىزىقتى.

  __ «ناھايىتى قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىكىگە ئىگە! يەنە بىزنىڭ تىرىشىپ تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقان زامانىۋى چارۋىچىلىق كەسپىمىزمۇ بار، بۇنىمۇ كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ»- دېدى ۋۇ يۈنبو.

  باش شۇجى ئۇنى ماركا يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى. سۆز قىلغاندا، باش شۇجى يەنە تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان، يېشىل تەرەققىياتنى يۆنىلىش قىلغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى يولىنى ئېچىش ئۈستىدە ئىزدىنىشىڭلار كېرەك.»

  ئىككى سائەت كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆتۈپ كەتتى، قاراپ چىقىش ئاياغلاشتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋەكىللەر بىلەن بىر-بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. ۋۇ يۈنبونى كۆرگەندە، باش شۇجى كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «سىز دېگەن كالا گۆشى مەندە ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر