باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىغا قاتنىشىدىغان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

چېن چۈەنگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقلىقىغا سايلاندى، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقلىقىغا سايلاندى

2019.03.05 14:48         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرلىرىمىز ياۋ تۇڭ، سۈي يۈنيەن، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: يىغىننىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 3- ئاينىڭ 3- كۈنى چۈشتىن كېيىن، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىغا قاتنىشىدىغان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى تۇرۇشلۇق جايدا ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق يىغىندا چېن چۈەنگو شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقلىقىغا، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقلىقىغا سايلاندى.

  يىغىندا 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپ ئىسىملىكىنىڭ لايىھەسى، يىغىن قارالمىلىرىنىڭ لايىھەسى قاراپ چىقىلدى، يىغىن كاتىبات باشقارمىسى ئالدىنقى كۈنلىرى ئاچقان ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى چاقىرغۇچىلىرى يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق يىلدا ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن، دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر چوڭ ئىش. بۇ قېتىمقى يىغىننى ياخشى ئېچىش، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۈرەش قىلىش روھىنى ئۇرغۇتۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەشتە مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە. شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ھەرقايسى ۋەكىللەر شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. تولۇپ تاشقان سىياسىي قىزغىنلىق، كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەت، كۈچلۈك مەسئۇلىيەت ئېڭى، كەسكىن ۋەزىپىنى ئادا قىلىش روھى بىلەن، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن ۋەزىپە، مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، يىغىننىڭ تۈرلۈك دوكلاتلىرى ۋە تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ ۋە قاراپ چىقىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پائال چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، تۈرلۈك ئىنتىزاملارغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، ياخشى ئوبراز تىكلەپ، ۋەكىللىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىشەنچ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يىغىننىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تاماملاپ، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىنىڭ دېموكراتىك، ئىتتىپاق، ئەمەلىيەتچىل، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان يىغىن بولۇپ ئېچىلىشىغا پائال تۆھپە قوشۇشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر