باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

شى جىنپىڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى، لى كېچياڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى، لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2019.03.06 14:50   مەنبە: خەلق تورى

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2- يىغىنى 3- ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3000غا يېقىن ۋەكىلى خەلقنىڭ تاپشۇرۇقلىرىنى زىممىسىگە ئېلىپ يىغىنغا قاتنىشىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇندا بېرىلگەن مۇقەددەس بۇرچىنى ئەستايدىل ئادا قىلدى.

  باھار پەسلى ئىللىق بولماقتا، ھەممە مەۋجۇداتلار جۇش ئۇرۇپ تۇرماقتا. خەلق سارىيىنىڭ 10 مىڭ كىشىلىك زالى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن كەيپىياتتا، رەئىس سەھنىسىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا ئېسىقلىق تۇرىۋاتقان دۆلەت گېربى قىزىل بايراق ئاستىدا چاقناپ تۇرماقتا.

  يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسىلىرى، ئىجرائىيە رەئىسلىرىدىن ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۈنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۇەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيماچىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا، ياڭ جېنۋۇلار رەئىس سەھنىسىدىكى ئىجرائىيە رەئىسلىرى ئورنىدىن ئورۇن ئالدى.

  شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن ۋە يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2- يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2975 بولۇپ، 3-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن بۇرۇنقى يىغىنغا 2948 ۋەكىل قاتناشتى، 27 ۋەكىل قاتنىشالمىدى، يىغىنغا قاتناشقان ئادەم سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن سانغا ئۇيغۇن بولدى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا، لى جەنشۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى جاكارلىدى. يىغىن مەيدانىدا ھەممەيلەن ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى.

  يىغىن قارالمىسىغا ئاساسەن، لى كېچياڭ گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن يىغىندا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. دوكلات ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە: بىرىنچىسى، 2018-يىللىق خىزمەتلەرگە نەزەر؛ ئىككىنچىسى، 2019-يىللىق ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەەققىياتنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە سىياسەت يۆنىلىشى؛ ئۈچىنچىسى، 2019-يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىكى ۋەزىپىلەر.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا دۆلىتىمىز تەرەققىياتىدا كۆپ يىللاردىن بېرى كەم كۆرۈلگەن مۇرەككەپ ۋە كەسكىن ھالدىكى ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەتكە دۇچ كەلدى، ئىقتىسادتا يېڭىدىن تۆۋەنلەپ كېتىش بېسىمى كۆرۈلدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشان ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە يەنە يېڭى زور ئىلگىرىلەشلەرنى ھاسىل قىلدۇق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر