باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كانادا ئىقتىسادىنىڭ سۈرىتىنىڭ ئاستىلىشى ئىقتىسادنىڭ داۋاملىق سۇسلىشىش ئەندىشىسىنى قوزغىدى، تۇرۇدىئونىڭ بېسىمى ئاشتى

2019.03.05 16:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كانادا ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، كانادانىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئۆتكەن يىلى 4-پەسىلدىكى ئېشىش نىسبىتى%0.4 بولۇپ، بازار كۆزلىمىسىدىن خېلىلى تۆۋەن بولغان.

  كانادا 10-ئايدا پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈشنى بېكىتتى، زۇڭلى ترۇدىئۇ «ئارقا ئىشىك ئېچىش» سەتچىلىكىگە چوڭقۇر پاتتى، ئىقتىسادنىڭ سۇسلىشىشى ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان لىبېرالىستلار پارتىيەسىنىڭ بېسىمىنى يەنىمۇ ئاشۇرۋەتتى.

  كانادا ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، كانادانىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئۆتكەن يىلىنىڭ 4-پەسلىدە %0.4 ئېشىپ، %1 لىك كۆزلىمىدىن تۆۋەن بولغان؛ ئېشىش نىسبىتى ئۆتكەن يىلىنىڭ 3-پەسلىدە %2 بولغان.

  ئۆتكەن يىلى 4-پەسىلدىكى ئىقتسىادنىڭ ئېشىشىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن توختاپ قېلىشقا يېقىنلىشىپ قېلىشىنىڭ تەسىرىدە، كانادانىڭ ئۆتكەن يىلقى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش دەرىجىسى %1.8 بولۇپ، 2017-يىلقى ئېشىش دەرىجىسىدىن ئازراقلا يۇقىرى بولدى يەنى %3 نىڭ يېرىمىگە تەڭ بولدى. كانادانىڭ خوشنىسى ئامېرىكنىڭ 2018-يىللىق ئېشىش دەرىجىسى %2.9 بولدى.

  كانادا ئىستاتىستىكا ئىدارىسى مۇنداق دېدى: ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى مەبلەغ سېلىش چىقىمى ۋە ئېكىسپورتنىڭ ئازىيىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. بۇنىڭ ئىچىدە تۇرالغۇ ئۆيدىن باشقا سودا سېلىنمىسى، ماشىنىسازلىق ۋە جابدۇق ياسىمچىلىققا سېلىنغان مەبلەغ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا سېلىنغان مەبلەغ كۆپەيدى، ئورمانچىلىق كەسىپى، بىناكارلىق ۋە ئورالما ماتىرياللىرى، رەڭلىك مېتال، رەڭلىك مېتالدىن باشقا كان مەھسۇلاتلىرى ۋە ئېنېرگىيە ئېكىسپورتى بىردەك تۆۋەنلىدى.

  كانادا ئىمپىرىيەسى سودا بانكىسى كاپىتال بازىرىنىڭ ئىقتىسادشۇناسى سېنفېرد مۇنداق دېدى: ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئىقتىسادىي ئەھۋال 2019-يىلىنىڭ باشلىرىغىچە داۋاملاشتى، قىسقا مۇددەت ئىچىدە كانادا مەركىزىي بانكىسىنىڭ ئۆسۈم قوشۇپ بېرىش ھەققىدىكى ئويلىشىشى يوققا چىقىشى مۈمكىن.

  سېنفېرد 2019-يىلىنىڭ 1-ئېيىدا يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن 67 مىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئورنى «يارقىن نۇقتا» غا ئايلاندى، ھەمدە «ئەگەر 1-ئايدا ئىشقا ئورۇنلاشقان نوپۇس زور مىقداردا كۆپەيمىسە، بىز ئىقتىسادنىڭ دەرھال چېكىنىشىدىن ئەندىشە قىلىمىز» دەپ ھىسابلىدى. بىراق، ھازىرقى ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى يەنىلا توختاپ قالدى.

  يەنە بىر جەھەتتىن، كانادا زۇڭلىسى ترۇدىئو ئۇچرىغان سىياسىي بېسىم بىردىنلا ئاشتى، سابىق ئەدلىيە مىنىستىرى جودى ۋېلسۇن رېبۇر: ئۇنى بېسىم ئىشلىتىپ، چىرىكلەشتى دەپ گۇمان قىلىنغان بىر كارخانىنى

  مەسئۇلىيەتتىن قاچۇرماقچى بولدى، دەپ ئەيىبلىدى. ترىئۇدىئو 3-ئاينىڭ 1-كۈنى كابىنتنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللىدى، بۇ ئۇنىڭ بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە 2- قېتىم كابىنتنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللىشى.

  ترۇدىئو يەنە بىر قېتىم كابىنتنى تەشكللەپ يولغا قويغاندا، ۋېلسۇن لېبۇرد ئەدلىيە مىنىستىرىدىن سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرى بولۇپ يۆتكەلدى. ۋېلسۇن لېبۇرد 2-ئايدا ۋەزىپىسىدىن ئىستىبا بەردى.

  2-ئاينىڭ 27-كۈنى ۋېلسۇن لېبۇرد ئاۋام پالاتا مەھكىمىسىنىڭ ئەدلىيە كومىتېتىدا ئىسپات بېرىپ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن يىلى 9-ئايدىن 12-ئايغىچە، ترۇدىئو بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ بىر قانچە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى داۋاملىق ماڭا بېسىم ئىشلىتىپ، مېنىڭدىن ئەدلىيە مىنىستىرىلىق ۋەزىپە ھوقۇقۇمدىن پايدىلىنىپ، تەپتىش ئورگانلىرىغا كاناداSNC -لاۋالىن گۇرۇھى شىركىتىنىڭ جىنايى ئىشلار جىنايى ھەرىكەتلىرىگە چېتىشلىق ئەدلىيەلىك تەكشۈرۈشىنى قۇبۇل قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا يوليۇرۇق بېرىشىمنى تەلەپ قىلدى. مەن «ھەمكارلىشىشنى» رەت قىلغاچقا سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرى بولۇپ يۆتكەلدىم.

  SNC –لاۋالىن گۇرۇھى شىركىتى لىۋىيە ئەمەلدارلىرىغا پارا بېرىش ئارقىلىق قۇرۇلۇش توختامىغا ئېرىشكەن دەپ گۇمانلىنىلغان، تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ كارخانا ئەدلىيەلىك تەكشۈرۈش تەرتىپىگە كىرىپ، جىنايەت دەپ بېكىتىلسىلا 10 يىل ئىچىدە كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ھۆددىگە ئالالماسلىقتەك خەۋپ-خەتەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن، غايەت زور جەرىمانە تۆلەش ئارقىلىق دېلونى ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلغان.

  SNC –لاۋالىن گۇرۇھىنىڭ باش ئورگىنى كانادانىڭ شەرقىدىكى كۋېبېك ئۆلكىسىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى مونتېرىئالغا جايلاشقان، كۋېبېك ئۆلكىسىدە 3400 خىزمەتچىسى بار، كانادا تەۋەسىدە 9000 دىن ئارتۇق ياللانما خادىمى بار، يەر شارى تەۋەسىدىكى ئىشچىلىرىنىڭ سانى 50 مىڭدىن ئاشىدۇ.

  ترۇدىئو ئەدلىيەلىك تەكشۈرۈشكە ئارىلاشقانلىقىنى ئىنكار قىلدى. ئۆكتىچى گۇرۇھ ئوتتۇرىغا قويغان ۋەزىپىسىدىن ئىستىبا بېرىش تەلىپىنى رەت قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر