باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندىكى مۇھىم سۆزىنى روھىنى ئەمەلىيلەشتۈردى

2019.03.01 08:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

  2017-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى باش شۇجى شى جىنپىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىغا قاتناشقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن دۆلەتنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانلىرى ئۈستىدە كېڭىشىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىنى ناھايىتى بەك ئىلھاملاندۇرغان ئىدى. باش شۇجىنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقى ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشتىكى بۇرچ ۋە مەسئۇلىيىتىگە ئايلاندى؛ باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى گۈزەل شىنجاڭنىڭ يېڭى پەللىگە يۈكسىلىشىدىكى تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندى.

  بۇ يىل چاغاندا، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب-شىمالى ئاۋاتلىشىپ كەتتى، شىنجاڭ دۆلەت ئىچىدىن كۈتىۋالغان ساياھەتچى ئۈچ مىليون 11 مىڭ 700 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %71.33 ئاشتى؛ ساياھەت ئومۇمىي كىرىمى ئۈچ مىليارد 616 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %74.42 ئېشىپ، ئىككىلىسىدە تارىخىي يېڭى سەۋىيە يارىتىلدى. بۇ شىنجاڭدىكى مۇقىملىقنىڭ پايدىسى، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ يېزىپ تاپشۇرغان چىرايلىق جاۋاب قەغىزى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل چاغاندا، شىنجاڭ بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ 77 مىڭ ئەزاسى ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن ياتاق، تاماقتا بىللە بولۇپ، چاغاننى كۈتىۋالغان.

  قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيەسى خۇڭشىن كەنتىنىڭ ئەسلى ئىسمى تاركىچىك كەنتى ئىدى، تار قاراقۇرۇم جىلغىسىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئىسىم قويۇلغان. ئاپتونوم رايونلۇق سابىق كۆمۈر سانائىتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خۇڭشىن كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، بىرىنچى شۇجىسى ۋاڭ شاۋخۇي: بۈگۈنكى كۈندە كەنتتىكىلەر تاغدىن كۆچۈپ چۈشتى، 273 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى كاپالەتلىك ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، دېدى. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى يەنە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئورمان ئۆستۈرىشى، باقمىچىلىق قىلىشىغا ياردەم بەردى ۋە يېتەكلىدى، 2018-يىلى بۇ كەنت نامرات كەنت قاتارىدىن رەسمىي چېكىندى.

  خۇڭشىن كەنتىلا ئەمەس، شىنجاڭدىكى نۇرغۇن كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن 2018-يىلى بەختلىك بىر يىل بولدى. بۇلتۇر شىنجاڭ دىققەتنى داۋاملىق جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئاساسىي كۆرەش مەيدانىغا قاراتتى، باشقا جايلاردىكى كۆك نامراتلىق مەسىلىسى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىندى، پۈتۈن بىر يىلدا جەمئىي 537 مىڭ ئادەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، نامراتلىشىش نىسبىتى %6.51كە چۈشتى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا: نامراتلارنى دەل يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل قۇتۇلدۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات جايلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئاساسىي كۆرەش مەيدانى قىلىپ، يېزا ئەمىن ئۆيلىرى ۋە چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، شەھەر-بازار كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى ياخشى يولغا قويۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى ۋە چىگرا رايونلارنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش كېرەك، دېگەن ئىدى.

  جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چېتىگە جايلاشقان خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نىيە ناھىيەسى ئەمگەكنۇرلۇق كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات نوپۇس دۆلەت ئىچ-ئىچىدىن مىننەتدارلىققا تولدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت، بىز قەرز پۇل ئېلىپ پاي قوشۇپ پايدىغا ئېرىشتۇق، كىرىمىمىز ئۆستى، تۇرمۇشىمىز ياخشىلاندى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە نامراتلارنى يۆلەش، نۇقتا بەلگىلەپ نامراتلارنى يۆلەش، ئاپتونوم رايون ئىچىدە ماسلىشىپ نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، «مىڭ كارخانا مىڭ كەنتكە ياردەم بېرىش» نامراتلارنى دەل يۆلەش ھەرىكىتىنى يولغا قويدى، ئېكىلوگىيە مۇھىتى ناچار بەزى ئېغىر نامرات كەنتلەر كۆچۈرۈپ يۆلەش ئارقىلىق نامراتلىقتىن ئومۇميۈزلۈك قۇتۇلدى. ئاپتونوم رايون رەئىسى شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: شىنجاڭ 2020-يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان ۋەزىپىسىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات نوپۇسنىڭ تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىپ، نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، نامرات كەنتلەرنىڭ سۇ، توك، تاشيول قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملايدۇ.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا: پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇغىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراش، ئۆز ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەش، ئانار دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

  2016-يىلى 10-ئايدا، شىنجاڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى رەسمىي باشلىدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ كېيۇڭ مۇنداق دېدى: 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي بىر مىليون 120 مىڭ كادىر ئىشچى-خىزمەتچى ھەر مىللەت ئاممىسىدىن بىر مىليون 690 مىڭ كىشى بىلەن تۇغقانلاشتى. ئاپتونوم رايون بويىچە، كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەر جەمئىي 15 مىليون 130 مىڭ قېتىم ئاممىنى زىيارەت قىلىپ ۋە يوقلاپ، ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشتىن يەتتە مىليون 160 مىڭنى قىلىپ بەردى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىدىن يەتتە مىليون 810 مىڭ قېتىم ئۆتكۈزدى. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» قاتارلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيەتلىرىنىڭ چوڭقۇر قاناتيايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايون تەۋەسىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى پائال ئالغا سىلجىتىش قىزغىنلىقى قوزغالدى، ھەر مىللەت ئاممىسى سەن مەن دەپ ئايرىمايدىغان، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتىدىغان كەيپىيات كۈنسېرى قويۇقلاشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر