باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىراق مۇساپىلىق مۇزاكىرە يىغىنى ئاچتى، ۋاڭ ياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى

2019.02.22 09:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تۈنۈگۈن يىراق مۇساپىلىق مۇزاكىرە يىغىنى ئاچتى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ خىزمەتلىرىنى ئىنتېرنېت ئارقىلىق يىراق مۇساپىلىق مۇزاكىرە قىلىش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «رەھبىرىي كادىرلار تورنى ئۆگىنىش، تورنى چۈشىنىش، تورنى ئىشلىتىش» توغرىسىدىكى سۆزىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كونكىرېت ھەرىكەت، سىياسىي مەسلىلھەت كېڭىشى ئەزالىرىنى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ خىزمەتلىرىنى بىرلىكتە پىلانلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشكە تەشكىللەش ۋە سەپەرۋەر قىلىشتىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتىكى پايدىلىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش. تەجرىبىلەرنى داۋاملىق يەكۈنلەپ، تۈزۈم مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئەزالارنىڭ قاتنىشىش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، يىراق مۇساپىلىق مۇزاكىرىنى ئەزالارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم يول، ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى مۇھىم ئىزدىنىش، ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئېڭى ۋە سەۋىيەسىنى نامايەن قىلىدىغان مۇھىم ۋاسىتە قىلىپ، ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئاكتىپچانلىقى، ئىجادچانلىقىنى قوزغاپ، ئەزالارنى تەپپەككۈرى مەڭگۈ يولدا بولۇش، ئەقىل-پاراسىتىنى ھەر ۋاقىت ئىشلىتىش، ئالاقىنى مەڭگۈ ئۈزمەسلىك ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  36 ئەزا قىسقا ۋىدېيو ئارقىلىق تەكلىپ-پىكىر بەردى. ئالتە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسلىرى ۋە ئالتە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى توردا سۆز قىلدى، 34 ساھەگە تەۋە بولغان 500 گە يېقىن ئەزا ھەرىكەتچان ۋەزىپىنى ئادا قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاكتىپ تەكلىپ پىكىر بەردى. ئەزالار مۇنداق تەكلىپ بەردى: خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش ۋە تەشۋىق قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈپ بولغان بىر يۈرۈش خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەكلىپ بېرىش، يىغىندا سۆز قىلىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، جەمئىيەت ئەھۋالى ئەلرايى ئۇچۇرلىرى قاتارلىق دائىملىق خىزمەتلەرنى ياخشىلاپ، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئەزالىرى ۋە سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئورگان كادىرلىرى قوشۇنىنى چىڭ تۇتۇپ، يەرلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ خىزمەتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرى ۋە بارلىق جەريانلىرىغا سىڭدۈرۈپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمىنىڭ تېخىمۇ پىششىپ يېتىلىشى ۋە تېخىمۇ قېلىپلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مۇزاكىرە جەريانىدا، ئەزالار ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە يېقىندىن دىققەت قىلىش، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى قوللاش، رايون ئىقتىسادىنىڭ ماسلاشما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىش ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەردە پىكىر-تەكلىپ بەردى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەر قايسى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر