باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شى جىنپىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشى پىلانىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ياخشى قانۇن ئىدارە قىلىش مۇھىتى ھازىرلاش لازىم، دەپ تەكىتلىدى

2019.02.26 13:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مەركىزىي ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 25-فېۋرال چۈشتىن كېيىن مەركىزىي ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىق تەجرىبىلىرى بىزگە شۇنى كۆرسەتتىكى، ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش قانۇن ئىدارە قىلىشتىن ئايرىلالمايدۇ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش چوڭقۇرلاشقانسېرى قانۇن ئىدارە قىلىشنى شۇنچە تەكىتلەش كېرەك. قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشى پىلانىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىپ ۋە مۇلازىمەت قىلىپ، ئىناق، مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىپ، چەت ئەلگە چېتىشلىق قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ياخشى قانۇن ئىدارە قىلىش مۇھىتى يارىتىش كېرەك.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا «مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ 2018-يىللىق خىزمەت خۇلاسىسى دوكلاتى»، «مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ 2019-يىللىق خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى»، «مەركەز پارتىيە ئىچى نىزامى تۈزۈش پىلانى»، «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2019-يىللىق قانۇن چىقىرىش خىزمىتى پىلانى»، «گوۋۇيۈەننىڭ 2019-يىللىق قانۇن چىقىرىش خىزمىتى پىلانى»، «قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى بويىچە ئۈلگە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»، «خەينەننىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، خەينەننىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قوللاش توغرىسىدىكى پىكىر»، «مۇھىم مەمۇرىي تەدبىر بەلگىلەش تەرتىپى توغرىسىدىكى ۋاقىتلىق نىزام (لايىھە)» قاتارلىق ھۆججەتلەر قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر