باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ پاي بازىرى ئۆرلىدى

2019.03.01 16:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  7-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد سودا يۇقۇرى دەرىجىلىكلەر كېڭىشى مۇشۇ ئاينىڭ 24-كۈنى ئاخىرلاشتى. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈردى، كېلىشىم ئارگىنالىنى چۆرىدەپ سۆھبەت ئۆتكۈزدى. بىر قاتار كونكرت مەسىلىلەردە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشتى. بۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ تىۋېتتېردا 3-ئاينىڭ 1-كۈنى جۇڭگونىڭ ئامېرىكىغا چىقىرىدىغان تاۋارلىرىدىن تاموجنا بېجى ئېلىشنى كۆپەيتىش پىلانىنى كەينىگە سۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  بۇ خۇش خەۋەرنىڭ تۈرتكىسىدە، پۈتۈن يەر شارى بازىرىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئۈمىدۋارلىق كەيپىياتى ئومۇميۈزلۈك يۇقۇرى كۆتۈرۈلدى، كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ پاي بازىرى ئۆرلىدى. مۇشۇ ئاينىڭ 25-كۈنى ياپونىيەنىڭ توكيو پاي بازىرى، ياۋروپادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ پاي بازىرى ئۆرلىدى. ئامېرىكىنىڭ نيۇيورىكتىكى 3 چوڭ پاي كۆرسەتكۈچى زور دەرىجىدە ئۆرلىدى. بۇ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ بازارنىڭ ئىستىقبالىغا بولغان ئىشەنچىسىنى نامايان قىلدى.

  ئۇنىڭدىن باشقا بازار خەۋپىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، خەتەردىن ساقلىنىش بايلىقى ھېسابلىنىدىغان ئالتۇننىڭ قەرەللىك باھاسى ۋە ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى ئاجىزلاشتى. دادۇر ئېكىسپورتى ئىستىقبالىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، چىكاگو تاۋار بىرژىسىدا دادۇرنىڭ قەرەللىك باھاسى ئۆرلىدى.

  ئەنگلىيە مەبلەغ سېلىش مۇلازىمەت شىركىتى IG مەبلەغ سېلىش ئىشلىرى تەھلىلچىسى جوشۇئا مائونى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا كېڭىشىدە ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلگەنلىك خەۋىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، پۈتۈن يەر شارى بازىرىنىڭ ھەممىسىدە ئۆرلەش بولدى، بۇ بازارنىڭ ئالاقىدار ئىلگىرىلەشلەرگە بولغان قارشى ئېلىش دەرىجىسىنى نامايان قىلدى.

  رۇسىيە مەبلەغ سېلىش بانكىسى VTB Capital نىڭ يەر شارى ماكرولۇق ئىققتىساد تەھلىلچىسى نىئېل مىككىننون «خۇشاللىققا تولغان دۈشەنبە» دېگەن سۆز بىلەن پۈتۈن يەر شارى بازىرىنى تەسۋىرلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا كېڭىشىدە ئىلگىرىلەشلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكى پۈتۈن يەر شارى پاي بازىرىدا پاي باھاسىنى ئۆستۈردى، بولۇپمۇ ئامېرىكا 3-ئاينىڭ 1-كۈنى جۇڭگونىڭ ئامېرىكىغا چىقىرىدىغان تاۋارلىرىدىن ئېلىنىدىغان تاموجنا بېجى نىسبىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشنى كەينىگە سۈرگەندىن كېيىن، بازارغا ئىجابىي سىگنال بېرىلدى.

  ئۇنىڭدىن باشقا، بازاردا ئېنىقسىزلىقلارنىڭ ئازىيىشىغا ئەگىشىپ، خەلقئارا نېفىت باھاسى قاتارلىق كۆپ مىقتارلىق تاۋارلارنىڭ باھاسىمۇ ئازراق ئۆستى.

  سىنېيدىر ئېلېكتىر مەبلەغ سېلىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ يەر شارى كۆپ مىقدارلىق تاۋار ئانالىزچىسى روببىي فىراسېر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا كېڭىشىدە ئىلگىرىلەش بولغانلىقتىن، كۆپ مىقتارلىق تاۋارلار بازىرى بۇنىڭ بىلەن تايانچققا ئېرىشىشى، بۇ بازارغا بولغان ئەندىشىنى يەنىمۇ پەسەيتىشكە پايدىلىق بولۇشى، نېفىت ۋە ئالاقىدار تاۋارلار باھاسى يۇقۇرى ئۆرلەش يولىغا كىرىشى مۇمكىن.

  كۆپلىگەن تەھلىلچى بىرلا ۋاقىتتا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بازار باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ياخشى ئىش، ئامما تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد-سودا مەسىلىسىدە تېزدىن كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، بازارغا خاتىرجەم قىلىش ۋە روھلاندۇرۇش دورىسى بېرىشتىن ئېىبارەت.

  نيۇيورك ئاكسىيە بېرژىسىنىڭ نوپۇزلۇق سودا خادىمى، نيۇيورك ئاكسىيە بېرژىسى يەر شارى سودا سىسىتېمىسى يەر شارى بازىرى باھالىغۇچىسى مارىك ئوتتو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا كېڭىشى داۋاملاشماقتا. بۇ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئىجابىي تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ بەردى. بىز سودا كېڭىشىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى ھەمدە ئاخىرىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  لوگان كاپىتال باشقۇرۇش شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، مەسئۇلى سىتېپخېنلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يۇقۇرى تاموجنا بېجى تەھدىتىنىڭ بىكار قىلىنىشى پاي چېكىگە مەبلەغ سالغۇچىلارغا نىسبەتەن بىر ياخشى ئىش، بازارنىڭ ھازىرقى ئىپادىسى يەككە كارخانىلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىۋاتقان يەر شارى ئىقتىساد ۋەزىيىتىگە قانداق تاقابىل تۇرۇشى شۇنداقلا قانداق قىلىپ تېز ئېشىۋاتقان ئىقتىسادى گەۋدىدە چىڭ پۇت تىرەپ تۇرۇشىغا تېخىمۇ باغلىق.

  بازار ئەرباپلىرى زور مەدەتكە ئېرىشتى، ئامېرىكىنىڭ كارخانا ساھەسى بولسا جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا كېڭىشىدە يەنىمۇ زور نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلىشىنى ئۈمىد قىلماقتا.

  ئامېرىكا سودا جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مايرون بېرىتتىن: كارخانا ساھەسىدىكىلەرنىڭ ھازىر يولغا قويۇلىۋاتقان جازالاش تىپىدىكى تاموجنا بېجىنى بىكار قىلىدىغان ئونىۋېرىسال كېلىشىمگە تەققەززا بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئامېرىكا، مەملىكەتلىك پارچە سېتىش سودىسى بىرلەشمە جەمئىيىتىنىڭ لىدىرى، قوشۇمچە باش ئىجىرائىيە ئەمەلدارى ماتېۋ شېي ئوچۇق خېتىدە مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىقتىساد-سودا كېڭىشىدە ئىجابىي ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىككى دۆلەتنىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، ئىككى تەرەپلىك سودا مۇناسىۋىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىنى كۈتمەكتىكەن.

  ئامېرىكىنىڭ سابىق سودا ۋەكىلى خيۇس خەلقئارا مەسلىھەتچىلىك شىىركىتىنىڭ رەئىسى، قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى كارلا خيۇس مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىككى ئىقتىساد گەۋدىسى، ئىككى تەرەپنىڭ ئىختىلاپلارنى تۈگىتىپ، ئىجابىي كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، قوش غەلىبىگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر