باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پادىشاھ ۋارىسى مۇھەممەد بىلەن كۆرۈشتى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى قاتلاملىرىنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشى ئاستىدا، جۇڭگو بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدە كۆپ قاتلاملىق ۋە كەڭ ساھەلىك يېڭى ئەندىزە شەكىللەنگەنلىكى نامايان بولدى

2019.02.25 16:02   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پادىشاھ ۋارىسى مۇھەممەد بىلەن كۆرۈشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 22-كۈنى خەلق سارىيىدا سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پادىشاھ ۋارىسى مۇھەممەد بىلەن كۆرۈشتى، خەن جىڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  رەئىس شى جىنپىڭ پادىشاھ سالمانغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى مۇھەممەدكە ھاۋالە قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى قاتلاملىرىنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشى ئاستىدا، جۇڭگو بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدە كۆپ قاتلاملىق ۋە كەڭ ساھەلىك يېڭى ئەندىزە شەكىللەندى. جۇڭگو سەئۇدى ئەرەبىستانىنى ئۆزىنىڭ دوستى ۋە ياخشى شېرىكى، دەپ قارايدۇ، ھەمدە سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىلگىرىكىگە ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگو بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دوستلۇق ۋە ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى بىر ـ بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلىرى جەھەتتە داۋاملىق ئۆزئارا قوللىشىپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. جۇڭگو قەتئىي رەۋىشتە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىقتىسادنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش جەھەتتە،ھەمدە ئىجتىمائىي ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش جەھەتتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىدىغان ھەرقانداق ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرىدۇ. ئىككى دۆلەت تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەنپەئەتنىڭ بىرىكىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسىنى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ 2030 مەنزىلى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تېزلىتىپ، ﺋﯧﻨﯧﺮﮔﯩﻴﻪ، ئۇل ئەسلىھە، سودىغا مەبلەغ سېلىش، يۇقىرى قوشۇلما قىممەتلىك كەسىپلەر قاتارلىق ئىككى تەرەپلىك ئەمەلىي ھەمكارلىقلاردا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئىككى دۆلەت يەنە جۇڭگو-پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتى ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·تاشكەنتتە قار ياغدى
    ·ئوتتۇرا ئاسىيا بىخەتەرلىك، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىنى تاشكەنتتە ئېچىلدى
    ·مالىيە مىنىستىرلىقى: ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆي-جاي بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، بۇ سىياسەت 2021ـ ي…
    ·ئېلىمىز 1+ X گۇۋاھنامە تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىدۇ
    ·بالىنىڭ ساغرىسىغا ئۇرۇپ بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلى بالىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارىغا سەلبىي تەسىر ي…
    ·بۇ يىل «ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ
    ·گوۋۇيۈەن «دۆلەتنىڭ كەسپىي مائارىپ ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» د…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ يەسلى ئېچىشىغا ئىلھاملاندۇرۇلىدى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئاز بىر قىسىم ئۆلكىلەردىكى ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرى تۇراقسىز بولماقتا
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئالتە ئۆلكىدىكى قىسمەن مەكتەپلەردە مەكتەپ ۋە سىنىپلاردا ئوقۇغۇچى زىيادە كۆپ ب…