باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى يەمەنگە قارىتا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنى كۈچەيتىشكە مۇراجىئەت قىلدى

2019.03.01 16:56   مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى يەمەنگە قارىتا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنى كۈچەيتىشكە مۇراجىئەت قىلدى

  2-ئاينىڭ 26-كۈنى، شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە، ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېس مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

  26-فېۋرال، د ت باش كاتىپى گۇتېررېس يەمەنگە قارىتا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىشنى كۈچەيتىپ، يەمەننىڭ بالدۇرراق ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى. شۇ كۈنى جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن يەمەنگە ئالاقىدار ئىئانە بېرىش يىغىنىدا، گۇتېررېس يەمەننىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىگە بولغان ئەندىشىسىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇش نۇرغۇن كىشىنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇنىڭ ئىچىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى نۇرغۇن پۇقرا بار. %80 يەمەن ئاممىسى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ۋە قوغداشقا مۇھتاج بولۇۋاتىدۇ، پەقەت بۇلتۇر بىر يىلدىلا، ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى تەسىرىگە ئۇچرىغان نوپۇس يەنە 2 مىليون كۆپەيدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر