باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاۋشيەن ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ 2-قېتىملىق ئۇچرىشىشىدا ئۈنۈم كۆرۈلدى، كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىدى

2019.03.01 16:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۇنيا كۆز تىكىۋاتقان ئەھۋالدا، چاۋشيەن ئامېرىكا رەھبەرلىرى ۋيېتنامنىڭ خانويدا تارختىن بۇيانقى 2-قېتىملىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى. تاراتقۇلارنى ئەپسۇسلاندۇرغىنى، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا ئىككى تەرەپ ئورتاق ھۆججەت ئىمزالىمىدى.

  2-ئاينىڭ 28-كۈنى چاۋشيەنىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئۇن بىلەن ترامپ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، يۈز تۇرانە ۋە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ كەڭ دائىرىلىك سۆھبىتى ئۆتكۈزدى، لېكىن سۆھبەت مۇددەتتىن بۇرۇن ئاياغلاشتى، ئىككى تەرەپ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ماشىنا كالونى سۆھبەت ئورنىدىن ئايرىلدى، ئەسلىدە بېكىتىلگەن ئورتاق كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلمىدى.

  ئامېرىكىنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، ئامېرىكا بىلەن چاۋشيەن ئۇچرىشىشتا چاۋشيەنگە قارىتىلغان جازانى بىكار قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئىختىلاپ كۆرۈلگەن. لېكىن سۆھبەت بۇزۇلمىغان. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپىئو شۇندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبىتىدە ناھايىتى زور ئىلگىرىلەش بولدى، مەيدانىمۇ بۇرۇنقىدىن خېلىلا يېقىنلاشتى ھەمدە ئىككى تەرەپ داۋاملىق ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە قوشۇلدى.

  ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا، گەرچە چاۋشيەن ئامېرىكا رەھبەرلىرى ئۆز قەرەلىدە كېلىشىم ھاسىل قىلالمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ نەتىجىنى ئەڭ ناچار دېگىلى بولمايدۇ، بۇ چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يولىدىكى ئۇزۇن يىللىق تىرىشچانلىقلارنىڭ بىر قىسمى بولۇشى مۇمكىن.

  ئالدى بىلەن ئۆتكەن يىلى 6-ئايدىكى سىنگافور باشلىقلار يىغىنىدىن بۇيان، ئىككى نۆۋەت ئالىي رەھبەرلەر سۆھبىتى ئارقىلىق، چاۋشيەن بىلەن ئامېرىكا بىر-بىرىنى تېخىمۇ كۆپ چۈشەندى، ئىككى تەرەپنىڭ ئۈمىدى ۋە تەلىپى تېخىمۇ ئېنىق بولدى، بۇ بۇندىن كېيىنكى ئىككى تەرەپنىڭ كېيىنكى سۆھبىتىگە ئاساس سېلىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا ئىككى تەرەپ كۆڭۈل بۆلىدىغان يادرو مەسىلىسىگە تېگىش قىلىندى. ئالايلۇق: چاۋشيەن رەھبىرى كىم جۇڭئۇن مۇنداق دېدى: ئەگەر مەن چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇشقا تەييارلىق قىلمىغان بولسام، ۋيېتنامغا كېلىپ يىغىنغا قاتناشمىغان بولاتتىم. باشقا خەۋەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا، چاۋشيەننىڭ پايتەختى پىيوڭياڭدا ئىش باشقارمىسى تەسىس قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە چاۋشيەننىڭ قىزغىن ئىنكاسىغا ئېرىشكەن.

  چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسى نەچچە ئون يىل داۋاملاشتى، بىر ئىككى قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا ئىشەنچ كەمچىل بولغان ھەتتا بىر-بىرى بىلەن دۈشمەنلەشكەنلىكتىن ئەمەلىيەتتە قىسقا ۋاقىتتا ئىختىلاپنى تۈگىتىش ئاسان ئەمەس. بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنىڭ نەتىجىسى چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى.

  چاۋشيەن دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش جەھەتتە بەك ئەندىشە قىلىدۇ. چەتئەللەر تولۇق خەۋپسىزلىك كاپالىتى بېرىشتىن بۇرۇن، چاۋشيەننىڭ يادرو قورالىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىشنى ئۈمىد قىلىش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان خىيال. لېكىن چاۋشيەن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقئارا جەمئىيەتكە مۇنداق توغرا ئېنىق جاۋاب بەردى: ئۇ بولسىمۇ پيوڭياڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئوبدان تەييارلىق قىلىپ قويدى ھەمدە دۆلەتنىڭ مۇھىم مەركىزىنى ئىچكى ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشقا قارىتىدۇ. 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇيان، چاۋشيەن ھەرقانداق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە يادرو قورال سىنىقى قىلمىدى، بۇ ئىككى دۆلەت سۆھبىتى ۋە رەھبەرلەرنىڭ ئۇچرىشىشى ئۈچۈن ئاساس سېلىپ بەردى، شۇنداقلا تەكىتلەشكە ئەرزىيدىغان مۇھىم قەدەم.

  يېقىنقى ئىككى يىلدىكى چاۋشيەن بىلەن ئامېرىكا ئەڭ دەسلەپكى «يادرو قورال كونۇپكىسى»نىڭ چوڭ كىچىك بولۇش ماجراسىدىن ھازىرقى ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشقىچە بولغان بۇرۇلۇش مۇساپىسى مۇنداق بىر قائىدىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى: سۆھبەت يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى بىردىنبىر توغرا يول. دەل جۇڭگونىڭ دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمدا دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭيى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدا زىيارەتكە كەلگەن چاۋشيەن تاشقى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋازىرى لى جىچېڭ بىلەن كۆرۈشكەندە ئېيتقاندەك: چاۋشيەن بىلەن ئامېرىكىنىڭ سۆھبىتى چوڭقۇر سۇ رايونىغا كىردى، ياكى ئۇنداق، ياكى بۇنداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. لېكىن چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسىنى سۆزلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشنىڭ چوڭ يۆنىلىشى ئايدىڭلاشتى، يەنى يېرىم ئارال يادروسىزلىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يېرىم ئارال تىنچلىق مېخانىزمى ئورنىتىلىدۇ. ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: چاۋشيەن بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، سەۋرچان بولۇپ، داۋاملىق سۆزلىشىپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىلگىرىلەپ، بېكىتىلگەن نىشانغا قاراپ بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. جۇڭگو بۇنىڭ ئۈچۈن داۋاملىق ئىجابىي رول ئوينايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر