باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى تۈنۈگۈن زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلدى

2019.02.22 09:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى تۈنۈگۈن زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلدى، يىغىندا كارخانىلارغا چېتىلىدىغان قانۇن-قائىدە ۋە قېلىپلاشقان ھۆججەتلەرنى تۈزۈشتە مۇناسىۋەتلىك كارخانا ۋە كەسپىي جەمئىيەت، سودا ئۇيۇشمىلىرىنىڭ پىكىرىنى جەزمەن ئاڭلاپ، ھۆكۈمەتنىڭ ھەل قىلغۇچ تەدبىرىنى ئەمەلىيەتكە ۋە خەلق رايىغا تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرۇش تەلەپ قىلىندى؛ بىر تۈركۈم مەمۇرىي ئىجازەت تۈرلىرىنى يەنە بىكار قىلىش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، مەملىكەت بويىچە قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ، تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇش قارار قىلىندى. ئائىلە مۇلازىمىتىدە تەمىناتنى كۆپەيتىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش تەدبىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىچكى تەلەپنى كېڭەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ھەر قايسى رايونلار، تارماقلار كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك مەمۇرى قانۇن-قائىدە، قېلىپلاشقان ھۆججەتلەرنى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، كارخانىلار ۋە كەسپىي جەمئىيەتلەر، سودا ئۇيۇشمىلىرىنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاشنى پۈتۈن جەريانغا سېڭدۇرۇشى كېرەك، بۇ ئىلمىي دېموكراتىك ھەل قىلغۇچ تەدبىر، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. تۈزۈشتىن ئىلگىرى كارخانىلارنىڭ بارلىق ئېھتىياج، تەلەپلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىگىلەپ، تۈزۈلىدىغان قانۇن-قائىدە، سىياسەتلەرنى تېخىمۇ قاراتمىلىققا ئىگە قىلىش كېرەك. تۈزۈش جەريانىدا مەخپىيەتلىككە چېتىلىدىغانلىرىدىن باشقىلىرىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىپ پىكىر ئېلىش ياكى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە كارخانىلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش كېرەك. يولغا قويۇش داۋامىدا ئەمەلىيەتكە ئاساسەن، ئارىلىق مەزگىلى تەسس قىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئىجرا قىلىشىغا زۆرۈر تەييارلىق ۋاقتى قالدۇرۇش كېرەك. قانۇن قائىدە، سىياسەتلەرنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇشنىڭ ئاشكارلىقىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، يەڭ سودىسى قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئادىل، ئۈنۈملۈك يولغا قويۇشقا تېخىمۇ پايدىلىق قىلىش كېرەك. قانۇن-قائىدە، سىياسەتلەرنى كېيىن باھالاشنى كۈچەيتىپ، تەڭشەشكە تېگىشلىكلىرىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ، ھۆكۈمەتنىڭ ھەل قىلغۇچ تەدبىرلىرىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تىجارەت، سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، مەۋقەنى بازارغا ھوقۇقنى تېخىمۇ قويۇۋېتىشكە قارىتىپ، كارخانىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: بىرىنچى، كارخانا نامىنى ئالدىن تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، بىر قىسىم مەھسۇلاتلارنى رويخەتكە ئېلىشنى دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈش قاتارلىق 25 مەمۇرى ئىجازەت تۈرى يەنە ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ، بىر قىسىم كەسپىلەرنى كەسىپىي جەھەتتىن رويخەتكە ئېلىش قاتارلىق ئالتە ئىجازەت ھوقۇقى تۆۋەنگە چۈشۈرۈلىدۇ. تەرتىپنى ئاددىيلاشتۇرۇش، كارخانىنىڭ سودا تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ھۆكۈمەتنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىنى بىخەتەرلىككە تېخىمۇ كۆپ مەركەزلەشتۈرۈش قاتارلىق مۇھىم تەرەپلەرگە پايدىلىق. ئىككىنچى، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ، تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ھەر بىر تەستىقلاش باسقۇچىدا بىر تارماق باشلامچى بولۇش، بىرلىشىپ تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە بېجىرىپ بولۇشنى يولغا قويۇپ، ئۇقتۇرۇش، ۋەدە بېرىش، رايون باھالاش ۋە بىرلىشىپ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۋېلىش قاتارلىق تۈزۈملەرنى يولغا قويۇپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئاددىيلاشتۇرۇش كېرەك. ئالدىنقى يېرىم يىلدا مەملىكەت بويىچە قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋاقتىنىڭ يېرىمى قىسقارتىلىپ، 120 خىزمەت كۈنىگە قىسقارتىلدى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئائىلە مۇلازىمىتىنى كېڭەيتىپ، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش قېرىلىشىش سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىشى ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئېھتىياجىغا ماسلىشىشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، ئىستېمالنى كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. بىرىنچى، ئائىلە مۇلازىمىتى كارخانىلىرىنىڭ مەھەللىلەرگە كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېقىن ئەتراپتا، قولايلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئائىلە مۇلازىمىتى ئىلىكتىرونلۇق سودىسى قاتارلىق يېڭى كەسپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، ئائىلە مۇلازىمىتىدە ماھارەت يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. شارائىتى بار ئالىي مەكتەپلەر، كەسپى مەكتەپلەر ئائىلە مۇلازىمىتى كەسىپىنى تەسس قىلىپ، ئائىلە مۇلازىمىتى كوزىر كارخانىلىرىنىڭ ئائىلە مۇلازىمىتى تۈرىدىكى كەسىپى مەكتەپلەرنى قۇرۇشىغا مەدەت بېرىش كېرەك. ئۈچىنچى، ئائىلە مۇلازىمىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قېلىپلاشتۇرۇش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش كېرەك. تۆتىنچى، سىياسەت جەھەتتىن قوللاشنى زورايتىش كېرەك. بەلگىلىمە بويىچە كىچىك، ئۇششاق ئائىلە مۇلازىمىتى كارخانىلىرىنىڭ باج ھەققىنى كېمەيتىش ياكى كەچۈرۈم قىلىش كېرەك. يەرلىكنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقى بار كارخانىلاردىن كەسىپ ئالماشقانلار، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئەمگەك كۈچلىرىنى ئائىلە مۇلازىمەتچىلىگى بويىچە ھەقسىز تەربىيەلىشىگە مەدەت بېرىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر