باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنى كېچىكتۈرۈش مۇمكىنچىلىكى زورايدى

2019.03.01 16:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە بولغان لىيبورىستلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى كوربىن ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى تېرىسسا ماينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش كېلىشىمىنى ئەنگلىيە پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇش ۋاقتىنى يەنە بىر قېتىم كەينىگە سۈرگەنلىكىگە 2-ئاينىڭ 25-كۈنى يەنە بىر قېتىم ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈپ، لىيبورىستلار پارتىيەسى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنى يېڭىدىن ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋاز قويۇشنى شەرتلىك قوللايدۇ دېدى.

  تەھلىلچىلەر 3-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن رەسمىي ئايرىلىش مۆھلىتىگە بىر ئاي قالغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز ئايرىلىش خىيىم-خەتىرى ئۆرلەشكە باشلىدى، تېرىسسا ماي بىلەن ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ ئۆز ئالدىغا چوتلىرى بار بولۇپ، يەنە بىر قېتىم كۈچ سىناشماقچى، ئوخشىمىغان كۈچلەر ئۆز ئارا پۇتلىكاشاڭ بولغان ھەم ياۋروپا ئىتتىپاقى قۇۋۋەتلىگەن ئەھۋالدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنى كېچىكتۈرۈشنىڭ مۇمكىنچىلىكى ئاشماقتا دەپ قارىدى.

  ئەنگلىيە پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسى ئەسلىدە تۈنۈگۈن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش كېلىشىمىنى ئاخىرقى قېتىم ئاۋازغا قويماقچى ئىدى. لېكىن تېرىسسا ماي 2-ئاينىڭ 24-كۈنى مىسىرغا بېرىپ ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى-ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش سەپىرىدە تاراتقۇلارغا، بۇنى 3-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن بۇرۇن ئاۋازغا قويۇشقا ئۆزگەرتتۇق دېدى.

  ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى تېرىسسا ماينىڭ پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇشنى كېچىكتۈرۈشىدىن ئارقا-ئارقىدىن گۇمانلىنىپ، بۇ-ئارقىغا سوزۇش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، پارلامېنتنى تېرىسسا ماينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش لايىھەسى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز ئايرىلىش ئوتتۇرىسىدا تاللاش چىقىرىشقا مەجبۇرلاشنى مەقسەت قىلىشى مۇمكىن دېدى.

  پارتىيە ئىچىنىڭ بېسىمى ئارقىسىدا، ئۆكتىچى پارتىيە بولغان لىيبورىستلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى كوربىن 2-ئاينىڭ 25-كۈنى بۇندىن بۇرۇنقى مەيدانىنى ئۆزگەرتىپ، ئەگەر لىيبورىستلار پارتىيەسى ئوتتۇرىغا قويغان لايىھە ماقۇللانمىسا، لىيبورىستلار پارتىيەسى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنى يېڭىدىن ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشنى قوللايدۇ دېدى.

  ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى تۇسىك شۇ كۈنى ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى-ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى يېپىلغاندىكى مۇخبىرلار يىغىنىدا، مەن 2-ئاينىڭ 24-كۈنى تېرىسسا ماي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنىڭ ئاخىرقى مۆھلىتىنى ئۇزارتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدىم، مەن بىز تۇرۇۋاتقان مۇشۇنداق ئەھۋالدا، كېچىكتۈرۈشنىڭ بىر مۇۋاپىق ھەل قىلىش لايىھەسى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن، لېكىن مەن باش ۋەزىر تېرىسسا ماينىڭ بۇنداق ئەھۋال يۈز بېرىشتىن ساقلىنىش ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىغا يەنىلا ئىشنىمەن دېدى.

  تېرىسسا مايغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇ ئاۋازغا قويۇشنى كېچىكتۈرۈشتە مۇنداق ئىككى جەھەتنى ئويلاشقان. بىرىنچىدىن، ئۆزى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرۈپ، تېخىمۇ مۇۋاپىق بىر كېلىشىمنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش. ئىككىنچىدىن، قورقۇنچاقلىق بىلەن كۈچ سىنىشىش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، ئاۋاز بېرىش ۋاقتىنى ئەڭ ئاخىرقى ئۆتكەلگىچە سۈرۈپ، پارلامېنت ئەزالىرىنى پايدىسىز ئىككى ئىشنىڭ ياخشىراقىنى تاللاپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز ئايرىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ لايىھەسى ئۈچۈن مۇرەسسە قىلىشقا مەجبۇرلاش. بىراق، ئەگەر 3-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن بۇرۇن تۆۋەن پالاتانىڭ ئاۋازغا قويۇشىغا يەنىلا يېشىل چىراغ يېقىپ بېرىلمىسە، تېرىسسا ماينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنى كېچىكتۈرۈش تەكلىپىنى قوبۇل قىلىش مۇمكىنچىلىكى بىر قەدەر زور بولىدۇ.

  لىيبورىستلار پارتىيەسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، پارتىيە ئىچىدە 2-قېتىم ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشقا نىسبەتەن ناھايىتى يۇقىرى سادالار بار بولسىمۇ، لېكىن بۇ پارتىيەنىڭ رەھبىرى كوربىن پىكرىنى ئېنىق ئېيتماي تۇرۇۋېلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش قارالمىسىدىن پايدىلىنىپ، تېرىسسا ماينى تەختتىن چۈشۈرۈپ ئۇنىڭ ئورنىغا چىقىشقا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلمەكتە. لىيبورىستلار پارتىيەسىنىڭ ئىچىدىكى پارچىلىنىش ئېغىر بولغانلىقتىن، ھەتتا يېقىنقى كۈنلەردىمۇ 2-قېتىم ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشنى قوللايدىغان نۇرغۇن پارلامېنت ئەزالىرى پارتىيەدىن چېكىنگەنلىكىنى جاكارلىدى، بۇنىڭ بىلەن كوربىن ئامالسىز مەيدانىنى بوشىتىپ، شەرتلىك ھالدا 2-قېتىم ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش تەكلىپىنى بەردى. ئەمما، ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، پەقەت لىيبورىستلار پارتىيەسىنىڭ كۈچىگە تايىنىپلا، 2-قېتىم ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش تەكلىپىنىڭ پارلامېنتتا ئۆتكەلدىن ئۆتۈشى تەس، بۇنىڭدا يەنە ھاكىمىيەت سىرتىدىكى باشقا پارتىيەلەر پارلامېنت ئەزالىرى، ھەتتا كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭمۇ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشنىڭ تەرتىپى مۇرەككەپ بولغانلىكتىن، 3-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن بۇرۇن بۇنىڭغا ياخشى تەييارلىق قىلىپ بولۇش تەسكە توختىشى مۇمكىن. تەھلىلچىلەر ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز ئايرىلىش قالايمىقانچىلىقىغا چۈشۈپ قېلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆز ئىقتىساد-سودا مەنپەئەتىگە تەسىر يېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تېرىسسا مايغا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنى كېچىكتۈرۈشنى قوللاش ئىپادىسىنى بىلدۈردى، بۇ يىل 5-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا پارلامېنت سايلىمى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشىنىڭ ئاخىرقى مۆھلىتىنى تېخىمۇ كەينىگە كېچىكتۈرۈشكە مايىل بولۇشى مۇمكىن دېدى.

  دۇنيادا پۇشايماننىڭ دورىسى يوق، ئەمما كەينىگە سۆرەش كېسىلى مەۋجۇت. ئايرىلىش-ئۇزۇنغىچە دەرد تارتىشتىن قىسقا مۇددەت دەرد تارتىشنى مەقسەت قىلىدۇ، ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنىڭ قىسقا مۇددەتلىك دەردى سوزغانسېرى ئۇزىراپ كەتتى. ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش مۆھلىتى قىستاپ كېلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز ئايرىلىش خىيىم-خەتىرى قەدەممۇ-قەدەم كۈچىيىپ، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ ئىچكى قىسمى، ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ ئىچكى قىسمى، ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى قىسمى، ھۆكۈمەت بىلەن پارلامېنت ئوتتۇرىسىدىمۇ زىددىيەتلەر تۈگىتىلمەي، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىنمىدى. گەپنىڭ تېگى-تەكتىنى ئېيتقاندا، بۇ-ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ چوڭلۇقى، زەربىسىنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن بولۇپ، ئەنگلىيەنىڭ سىياسىي ۋە جەمئىيىتىگە ئېلىپ كەلگەن دەز ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، ئەنگلىيە ۋە ياۋروپاغا ئېلىپ كەلگەن قايتىدىن ئورۇن بېكىتىشكە يەنىلا بىردەك جاۋاب بەرگىلى بولمىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر