باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ۋاڭ ياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 16- قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى ئېچىلدى

2019.02.27 15:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەشنىڭ مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 16- قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى 26- چېسلا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيرۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا خەلق سىياسىي كېڭىشى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۈگىنىش قىلىندى، ھەمدە سىياسىي كېڭەشنىڭ مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2- يىغىننىڭ تەييارلىق خىزمىتى ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. ۋاڭ ياڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، بۇ يىلقى ئىككى يىغىننى ياخى ئېچىش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. سىياسىي كېڭەشنىڭ ئومۇمىي يىغىنى بولسا، سىياسىي كېڭەشنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىشنىڭ ئالىي شەكلى، شۇنىڭ ئۈچۈن، سىياسىي كېڭەشنىڭ مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2- يىغىنىغا ئەستايىدىل تەييارلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ياخشى تەشكىللەپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ يىللىق خىزمىتى ئۈچۈن قەدەمنى ياخشى ئېلىش ۋە ياخشى ۋەزىيەت يارىتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  يىغىندا، «مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە دائىر پىكىر (سىناق نۇسخىسى)» ۋە «مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ھاكىميەت ئىشلىرىنى كېڭىشىش سۈپىتىنى باھالاش چارىسى (سىناق نۇسخا)»غا قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سۈپەتنى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ گەۋدىلىك ئورنىغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كېڭىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشنىڭ سۈپەت قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىش كېرەك. كېڭىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش سۈپىتىنى باھالاش ئەزالارنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىش خىزمىتىگە بولغان رىغبەتلەندۈرۈش ۋە يېتەكلەش رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، ئەزالارنىڭ سىياسىي ئىگىلەش ئىقتىدارى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىقتىدارى، ئامما بىلەن مۇناسىۋەت باغلاش ئىقتىدارى ۋە ھەمكارلىشىپ بىللە ئىشلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر