باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«جۇڭگو ئىنتېرنېت تورى تەرەققىيات ئەھۋالىنىڭ ئىستاتىستىكا دوكلاتى» ئېلان قىلىندى

توردىكى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكۈچىلەر 400 مىليونغا يېقىنلاشتى

2019.03.01 16:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 28-فېۋرال، جۇڭگو ئىنتېرنېت تورى ئۇچۇر مەركىزى (CNNIC) بېيجىڭدا 43- قېتىملىق «جۇڭگو ئىنتېرنېت تورى تەرەققىيات ئەھۋالىنىڭ ئىستاتىستىكا دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى، (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «دوكلات» دېيىلىدۇ). «دوكلات»تا ئىنتېرنېت تورىنى قوللىنىشنىڭ تەرەققىياتى، كەسىپ ۋە تېخنىكا تەرەققىياتى، ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا قوللىنىشنىڭ تەرەققىياتى، ئىنتېرنېت تورى بىخەتەرلىكى قاتارلىق كۆپ جەھەتلەردە ئېلىمىز ئىنتېرنېت تورىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى نامايان قىلىندى.

  «دوكلات»تا كۆرسىتىلىشىچە ، 2018-يىلى 12-ئايغىچە، دۆلىتىمىزدىكى تور ئەھلىنىڭ كۆلىمى 829 مىليون بولۇپ، پۈتۈن بىر يىلدا، يېڭىدىن 56 مىليون 530 مىڭ تور ئەھلى كۆپەيگەن، ئالاقە تورىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %59.6كە يېتىپ، 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن %3.8 ئاشقان. ئېلىمىزدە يان تېلېفون تور ئەھلى كۆلىمى 817 مىليون بولۇپ، پۈتۈن بىر يىلدا يېڭىدىن كۆپەيگەن يان تېلېفون تور ئەھلى 64 مىليون 330 مىڭ بولغان؛ تور ئەھلى ئارىسىدا يانفوندا تورغا چىقىش نىسبىتى 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى %97.5تىن 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى %98.6كە يەتكەن بولۇپ، يانفوندا تورغا چىقىش ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تورغا چىقىش يوللىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.

  تور تېخنىكىسىنىڭ يېتىلىشى توردىكى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. «دوكلات»تا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزدە توردىكى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ئابونتلىرىنىڭ كۆلىمى 394 مىليونغا يېتىپ، ئومۇمىي تور ئەھلىنىڭ %47.5ىنى ئىگىلىگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر