باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون پېشقەدەم كادىرلار ئىدارە (باشقارما) باشلىقلىرى يىغىنى ئاچتى

پارتىيەنىڭ پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش كېرەك

2019.02.28 19:45         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل ناسىر خەۋەر قىلىدۇ: 2-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئاپتونوم رايون پېشقەدەم كادىرلار ئىدارە (باشقارما) باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىپ، 2019-يىللىق خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جى جېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەملىكەتلىك تەشكىلات بۆلۈم باشلىقلىرى يىغىنى، مەملىكەتلىك پېشقەدەم كادىرلار ئىدارە باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتىگە ئەزەلدىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتىنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، پارتىيەمىزنىڭ پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتى توغرىسىدىكى نەزەرىيەسىنى بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى، ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتىنىڭ باشتىن- ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك؛ يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ، پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر