خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2- ئاينىڭ 28- كۈنى، لىۋاننىڭ پايتەختى بېيرۇتقا جايلاشقان بىر يىغىلىش ئورنىدا، ئىككى نەپەر سۈرىيە مۇساپىرى ماشىنىغا ئولتۇرۇپ لىۋاندىن ئايرىلىشنى كۈتمەكتە.
28- چېسلا، لىۋان بىخەتەرلىك تارماقلىرى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ماسلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئاستىدا، تەخمىنەن 1700 نەپەر يېڭى بىر تۈركۈم سۇرىيەلىك مۇساپىرلارنى لىۋاندىن سۈرىيەگە قايتۇردى. بۇ، لىۋان تەرەپنىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان تەشكىللىگەن 2-تۈركۈمدىكى ۋە شۇنداقلا لىۋان يېڭى ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ئايدا قۇرۇلغاندىن كېيىن تەشكىللىگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى سۈرىيە مۇساپىرلىرىنىڭ ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇلۇشى ئىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى