باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ۋەكىلى جۇڭگو ھۆكۈمىتى كارخانىلارنىڭ «ئارقا ئىشىك» ئورنىتىشىنى ياكى چەت ئەل ئاخباراتىنى توپلىشىنى ئەزەلدىن تەلەپ قىلمىغان، دېدى

2019.02.28 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىسپانىيەنىڭ بارسېلونا شەھىرىدە دۇنيا كۆچمە خەۋەرلىشىش يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان جۇڭگو سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ باش ئىنژېنېرى جاڭ فېڭ 26-چېسلا، شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: بىز يىغىن مەزگىلىدە بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خۇاۋېي G5 (بەشىنچى ئەۋلاد كۆچمە ئالاقىلىشىش تېخنىكىسى) توغرىسىدىكى يالغان سۆز-ئىبارىلىرىگە دىققەت قىلدۇق. جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى بۇ مەسىلە توغرىسىدا كۆپ قېتىم ئۆز مەيدانىنى ئىپادىلىدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ خەلقئارا نىزامغا ۋە شۇ جاي قانۇنىغا بويسۇنۇشىنى ئىزچىل تەلەپ قىلىپ كەلدى، كارخانىلارنىڭ «ئارقا ئىشىك»ئورنىتىشىنى ياكى چەت ئەل ئاخباراتىنى توپلىشىنى ئەزەلدىن تەلەپ قىلمىغان.

  ئۇ مۇنداق دېدى: دۇنيا كۆچمە خەۋەرلىشىش يىغىنى كەسىپ ساھەسىدە مۇھىم تەسىر كۈچكە ئىگە. يىغىن مۇزاكىرىسى ھەمدە جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ ئالاقە ساھەسىدىكى مەسئۇل تارماقلىرى ۋە تىجارەت سودىگەرلىرى بىلەن بولغان پىكىر ئالماشتۇرۇش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى بىلەن كارخانىلار G5 تېخنىكىسى تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىكەن، ھەممە بىردەك ئاشكارا، ئادىل رىقابەتلىشىش مۇھىتى G5نىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا قارىتا ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارىدى. نۇرغۇن دۆلەت ۋە تىجارەت سودىگەرلىرى خۇاۋېي مەھسۇلاتى ئىشەنچىلىك دەپ قارايدۇ، خۇاۋېي بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ.

  جاڭ فېڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «مەن بۈگۈن ئەتىگەن دۇنيا كۆچمە خەۋەرلىشىش سېستىمىسى جەمئىيىتى (GSMA) يىغىنى <يەر شارى كۆچمە ئالاقىلىشىش تەشەببۇسى (GTI) باشلىقلار يىغىنى>دا قىلغان سۆزۈمدىكى ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرنى قايتا تەكىتلەپ ئۆتۈشنى خالايمەن، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالاقە كەسىپ ساھەسىدىكىلەر ئادىل، ھەققانىي، ئېنىق تەرەققىيات مۇھىتىنى ئورتاق تىرىشىپ قوغدىشى، بازار پىرىنسىپى ۋە خەلقئارا قائىدە بويىچە، كەسىپنىڭ ياخشى رىقابىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق ھالدا يەر شارى كۆچمە خەۋەرلىشىش كەسپىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر