2-ئاينىڭ 27-كۈنى، مىسىر پايتەختى قاھىرەدىكى رامېسېس پويىز ئىستانسىسىدا، قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئوت ئاپىتى نەق مەيدانىدا خىزمەت قىلماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مىسىر پايتەختى قاھىرەدىكى رامېسېس پويىز ئىستانسىسىدا 27-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 20 ئادەم قازا قىلدى، 40 ئادەم يارىلاندى. جۇڭگونىڭ مىسىردا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا ۋاقتىنچە مەلۇمات تاپشۇرۇپ ئالمىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى