باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ توققۇز دۆلەتنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشقا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ئەلچىلىرى تاپشۇرغان دۆلەت مەكتۇبىنى قوبۇل قىلدى ھەمدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يېڭى باش كاتىپى بىلەن كۆرۈشتى

2019.02.21 13:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 20- فېۋرال خەلق سارىيىدا توققۇز دۆلەتنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشقا يېڭىدىن تەيىنلىگەن باش ئەلچىلىرى تاپشۇرغان دۆلەت مەكتۇبىنى قوبۇل قىلدى.

  خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي ئىشىكى سىرتىدا، ھۆرمەت قاراۋۇللىرى قىپقىزىل پاياندازنىڭ ئىككى يېنىغا رەتلىك تىزىلغان ئىدى. كانايچىلار مەرھابا بۇرغىسىنى ياڭراتتى، باش ئەلچىلەر كەينى- كەينىدىن يېتىپ كېلىپ، پەلەمپەي بويلاپ چىقىپ، بېيجىڭ زالىغا كىرىپ، رەت تەرتىپى بويىچە شى جىنپىڭغا دۆلەت مەكتۇبىنى تاپشۇردى. شى جىنپىڭ ئۇلار بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ھەمدە بىر-بىرلەپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. جۇڭگودا تۇرۇشقا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن بۇ توققۇز باش ئەلچى تۆۋەندىكىچە: سالۋادورنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشقا تەيىنلەنگەن باش ئەلچىسى دۇلان، ھىندىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشقا تەيىنلەنگەن باش ئەلچىسى تاڭ يۇڭشېڭ، تۈركمەنىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشقا تەيىنلەنگەن باش ئەلچىسى دۇردىيېف، كرودىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشقا تەيىنلەنگەن باش ئەلچىسى مى خايلىن، قىرغىزىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشقا تەيىنلەنگەن باش ئەلچىسى بەختىگۇلوۋا، ئېفىئوپىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشقا تەيىنلەنگەن باش ئەلچىسى تېشاۋمېي، گرېنادانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشقا تەيىنلەنگەن باش ئەلچىسى دەي ئەيمېي، كېنىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشقا تەيىنلەنگەن باش ئەلچىسى سېلىم، ماۋرىتانىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشقا تەيىنلەنگەن باش ئەلچىسى ۋىللارى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر