باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شۆھرەت زاكىر قىرغىزىستانلىق مېھمانلار بىلەن كۆرۈشتى

2019.02.26 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:2-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر قىرغىزىستاننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ھەيدەربېكوف ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  شۆھرەت زاكىر ھەيدەربېكوف ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-قىرغىزىستان ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە مۇناسىۋىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئىككى دۆلەت بولسا، ياخشى قوشنا، ياخشى دوست ۋە ياخشى ھەمراھلاردۇر. جۇڭگو شىنجاڭ قىرغىزىستان بىلەن چېگرالىنىدۇ، ئىككى تەرەپ ھازىر دوستانە ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق جەھەتتە كەڭ بوشلۇققا ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو شىنجاڭ ھازىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈردى. ھازىرقى شىنجاڭدا ئىجتىمائىي ئومۇملۇق سىجىل ھالدا مۇقىم بولىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئىقتىسادى تەكشى، مۇقىم ۋە ساغلام ھالدا تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىۋاتىدۇ، تۈرلۈك ئىشلار ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلەۋاتىدۇ، دېمەك، جۇڭگو شىنجاڭ ھازىر تارىخىي يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرىۋاتىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى جۇڭگو شىنجاڭ ۋە قىرغىزىستاننىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ئىنتايىن زور دەرىجىدە تۈرتكە بولدى. ئىككى تەرەپنىڭ ھەر ساھەدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقلىرى يەنىمۇ كۈچەيتىلمەكتە. مەن دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە نەپ يەتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ھەيدەر بېكوف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو شىنجاڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال-خۇرام ئىشلەيدىغان بوپتۇ، جەمئىيەت گۈللىنىپ تەرەققىي قىپتۇ، بىز ھازىرقى جۇڭگو شىنجاڭنىڭ گۈزەل بولۇپلا قالماي، بەلكى بىخەتەر ۋە مۇقىم ئىكەنلىكىنى، ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇشتا ياخشى ئاساس ۋە شارائىتقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇق. مەن بۇنىڭدىن كېيىن، ئالماشتۇرۇش ۋە سۆزلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد-سودا ۋە مەبلەغ سېلىش قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ ساھەلەردە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۈ خەيرۇڭ، جاڭ چۈنلىن قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر