باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

شىنجاڭلىق ئۈچ پۇتبولچى جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمىسى چۇڭچىڭ سىۋېي كوماندىسىغا تاللاندى

2019.02.27 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئاينىڭ 22-كۈنى، جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمىسى چۇڭچىڭ سىۋېي كوماندىسىنىڭ ئورگان تورىدا، ئالدىنقى مۇسابىقە پەسىلىدە پورتۇگالىيە ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى گوندومار كوماندىسىدا توپ ئوينايدىغان شىنجاڭلىق پۇتبولچى ئېرجىت يېرزاتنىڭ رەسمىي تۈردە كوماندىغا قېتىلغانلىقى ئېلان قىلىندى. بۇنىڭ ئالدىدا تېخى يېڭىدىن قېتىلغان دىلمۇرات موللانىياز ۋە بەختىيار پەيزۇللانى قوشقاندا، چۇڭچىڭ سىۋېي كوماندىسى بۇ مۇسابىقە پەسىلىدە شىنجاڭلىق ئۈچ توپچىنى قېتىۋالدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە ئۇدا مۇسابىقە ئوينىدى، شۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭلىق تالانتلىق پۇتبولچىلار كۆپچىلىكنىڭ ئېسىدە قالدى. جۇڭگو پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيانقى ياش پۇتبولچىلارنى يېتىشتۈرۈش يېڭى سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭلىق ياش پۇتبولچىلار تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك بىرلەشمىدىكى كوماندىلارغا قېتىلىدىغان پۇرسەتكە ئېرىشتى.

  ئالدىنقى پەسىلدىكى جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە، ئارقا مەيدان ماھىرى دىلمۇرات ئاساسەن ھەممە مەيداندا تولۇق ئوينىدى. بۇ باشتىكى ئالتە مەيدان مۇسابىقىدە زاپاس ماھىر سالاھىيىتىدە مەيدانغا چىققان ياش بېك 7-ئايلانمىدىن باشلاپ، ئۇدا 24 مەيدان مەيداننىڭ ئاساسلىق ئەزاسى بولۇپ ئوينىدى. مۇسابىقە پەسىلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يەنە جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر يېڭى ئەزالار تىزىملىكىگە كىردى. ئۇ مۇسابىقىدىكى ياخشى ئىپادىسى بىلەن جۇڭگو 21 ياشلىقلار دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىغا قېتىلدى. چۇڭچىڭ ۋەنجۇ تۆت دۆلەت بىلەن ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىنىڭ مېكسىكا بىلەن ئوينالغان مۇسابىقىدە، دىلمۇرات ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقتى. دىلمۇراتقا سېلىشتۇرغاندا، بەخىتىيارنىڭ پائالىيەت دائىرىسى ئاساسلىقى ئوتتۇرا مەيداندا بولۇپ، ئالدىنقى مۇسابىقە پەسىلىدە ئارقا بەل ئورنىدا 23 مەيدان توپ ئوينىدى. مۇسابىقە پەسلىنىڭ ئوتتۇرىغا كەلگەندە، لى جۈن تەرىپىدىن ھۇجۇمچى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، ئۇ ئىككى توپ كىرگۈزدى.

  بۇ ئىككى ياش ماھىرغا سېلىشتۇرغاندا، پورتۇگالىيە ئۈچىنچى دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە بەش يىل توپ ئوينىغان ئېرجىتنىڭ نامى خېلى بۇرۇنلا چىققان ئىدى. 2013-يىلى مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن ئاخىرقى تۆت كۈچلۈك ئىچىگە كىرىپ، كوماندىنىڭ ياخشى نەتىجىسىنى ياراتقاندىن كېيىن، 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئېرجىت رەسمىي ھالدا پورتۇگالىيە غالىبلار بىرلەشمىسىدىكى گوندومار كۇلۇبىغا قېتىلىپ، شىنجاڭ بويىچە رەسمىي تۈردە ياۋروپادىكى كۇلۇبلارغا قېتىلغان تۇنجى توپچى بولۇپ قالدى. ياۋروپادىكى مۇسابىقىلەردە كۆپ يىللىق تاۋلىنىش نەتىجىسىدە، 26 ياشلىق ئېرجىت بارغانسىرى پىشىپ يېتىلدى. بۇ قېتىم دۆلەتكە قايتىپ توپ ئوينىشىدا، ئۇ كۆپلىگەن جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى كوماندىلارنىڭ تەكلىپىنى تاپشۇرۇۋالدى، ئاخىرىدا ئۇ چۇڭچىڭ سىۋېي كوماندىسىنى تاللىدى. «چۇڭچىڭ سىۋېي كوماندىسىنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلانغانلىقىمدىن ناھايىتى خۇرسەنمەن. ماڭا ئىزچىل ياردەم قىلغان كىشىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، ئىشنى يېڭىدىن باشلاپ، داۋاملىق ئارزۇيۇم ئۈچۈن تىرىشىمەن!»، ئېرجىت ئۆزىنىڭ سىنا مىكرو بىلوگىدا شۇنداق دەپ يازدى.

  چۇڭچىڭ سىۋېي كوماندىسى جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى رەت تەرتىپىدىكى ئوتتۇرا تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدىغان كوماندا بولۇپ، ئالدىنقى مۇسابىقە پەسىلىدە، ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىدە تەلىيىگە يارىشا دەرىجىسى چۈشۈرۈلۈشتىن ساقلىنىپ قالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر