2-ئاينىڭ 27-كۈنى، ھىندىستان كونتىروللىقىدىكى كەشمىر رايونىنىڭ يازلىق مەركىزى سىرىناگار ئەتراپىدا، كىشىلەر ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى يېنىغا ئولاشتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پاكىستان ئۈچ ئارمىيە ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ 27-فېۋرال دېيىشىچە، پاكىستان ھاۋا ئارمىيەسى شۇ كۈنى سەھەردە پاكىستاننىڭ ھاۋا تەۋەلىكىدە كەشمىردىكى ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئەمەلىي كونترول سىزىقىدىن ئۆتۈپ تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ھىندىستان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئىككى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ھەمدە پاكىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىر رايونىغا چۈشكەن ھىندىستان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بىر ئۇچقۇچىسىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.
پاكىستان ئۈچ ئارمىيە ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئاشىف گافۇر ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇ سۇپىسىدا مۇنداق دېدى: شۇ كۈنى سەھەردە ھىندىستان ئۇرۇش ئايروپىلانى پاكىستان ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرگەندە، پاكىستان ھاۋا ئارمىيەسى كەشمىردىكى ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئەمەلىي كونترول سىزىقىنىڭ پاكىستان ھاۋا بوشلۇقىدىكى تەرەپتە ھۇجۇم قوزغىدى. ھىندىستاننىڭ بىر ھەربىي ئايروپىلانى پاكىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىر چىگراسى ئىچىدە ئېتىپ چۈشۈرۈلدى، پاكىستان يەر يۈزى قىسىملىرى بىر ئۇچقۇچىنى دەرھال قولغا ئالدى. يەنە بىر ھىندىستان ھەربىي ئايروپىلانى ھىندىستان كونتىروللىقىدىكى كەشمىر چىگراسى ئىچىدە چۈشۈپ كەتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى