باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا ئىككى جايدىكى خارابىلىك 2018- يىللىق مەملىكەتلىك ئون چوڭ ئارخېئولوگىيەلىك يېڭى بايقاش قاتارىغا كىردى

2019.02.26 16:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2- ئاينىڭ 19- كۈنى، جۇڭگو دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ ھاۋالە قىلىشى بىلەن، جۇڭگو مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ژورنىلى ئىدارىسى ۋە جۇڭگو ئارخېئولوگىيە ئىلمىي جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان 2018- يىللىق مەملىكەتلىك ئون چوڭ ئارخېئولوگىيەلىك يېڭى بايقاشنىڭ دەسلەپكى باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى، شىنجاڭنىڭ خۇستا خارابىسى ۋە جېرىنتاي جىلغىسى خارابىسى شۇ قاتاردىن ئورۇن ئالدى.

  خۇستا خارابىسى بولسا، ئارشاڭ ناھىيىسىگە جايلاشقان بولۇپ، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئارخېئولوگىيەلىك تەتقىقات ئورنى، شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيەلىك تەتقىقات ئورنى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى مەدەنىيەت يادىكارلىقىلىرى ئىدارىسى ۋە ئارىشاڭ ناھىيەلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى قاتارلىقلارنىڭ بىرلەشمە ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش قىلىشى ئارقىلىق، بۇ جايدىنزور مىقداردىكى بىرونزا ۋە پرىستان قاتارلىق يادىكارلىقلار تېپىلدى. مۇتەخەسسىسلەر قېزىۋېلىنغان نۇرغۇن ساپال ۋە مىس قورال قاتارلىقلارنى كاربۇن 14لۈك ئۆلچەش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆلچەش نەتىجىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مۇنۇلارنى بېكىتتى: بۇ خارابە بولسا، شىنجاڭنىڭ برونزا دەۋرىگە ئائىت دەسلەپكى چوڭ تىپتىكى مەھەللە خارابىسى بولۇپ، ئۇنىڭ دەۋرى 3600 يىلدىن ئاز ئەمەس. بۇ جايدا ياشىغان كىشىلەر ئىلگىرى تېرىقچىلىقنى ئاساس قىلىپ چارۋىچىلىقنى قۇشۇمچە قىلغان. بۇ خارابە يەنە ياۋرو-ئاسىيا يايلاقلىرىنىڭ برونزا دەۋرىدىكى ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ھالىتى، ئىجتىمائىي تەشكىلىي قۇرۇلمىسى ۋە شىنجاڭنىڭ تارىختىن ئىلگىرىكى دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق مەنبەسى، ھەمدە شەرق-غەرب مەدەنىيىتى ئالماشتۇرۇشى قاتارلىقلار ئۈستىدىكى تەتقىقاتنى مۇھىم ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىگۈسى.

  شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئارخېئولوگىيەلىك تەتقىقات ئورنى نىلقا ناھىيىسىنىڭ جىرىنتاي جىلغىسىغا جايلاشقان خارابىلىككە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش قىلغان بولۇپ، نەتىجىدە شۇنى بايقىغان، يەنى بۇ خارابىلىك ھازىرغىچە پۈتۈن دۇنيادا ئەڭ بۇرۇن كۆمۈر ئىشلەتكەن بىر جاي سۈپىتىدە ساقلىنىپ قالغان بىر خارابىلىك ئىكەن. بۇ خارابىلىكنىڭ تېپىلىشى بىلەن، ئىنسانلارنىڭ كۆمۈر ئىشلىتىش تارىخى1000 يىلدىن ئارتۇق ئالدىغا سۈرۈلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ خارابىلىك ئۆز نۆۋىتىدە يەنە شىنجاڭدا تارىختىن بۇيانقى كۆلىمى ئەڭ كەڭ بولغان ۋە مۇكەممەل ھالدا ساقلانغان بىر ئىگىز تۆپىلىك خارابىلىكى بولۇپ، بۇ خارابىلىكتە ئوچاق (ئوتدان)، كۈل ئازگىلى، تاۋلاش ئىزى ۋە كۆمۈر دۆۋىسى قاتارلىقلارنىڭ قالدۇقلىرىدىن 200دىن كۆپرەكى بايقالغان، تەۋەررۈك ئەۋرىشكىلىرىدىن 1000 نەچچىسى يىغىلغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى، بۇ، تارىختىن بۇرۇنقى مەزگىلدىكى ئىلى دەرياسى ۋادىلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە شىنجاڭدىكى كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ مۇجەسسەملەنگەن بىر ئاساسلىق رايون ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ، ھەمدە شىنجاڭ ئەلمىساقتىن تارتىپ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بىر رايون ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىشتە مۇھىم رېئالىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيەلىك تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، تەتقىقاتچى لى ۋېنيىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شىنجاڭ ئىلگىرى ئۇدا تۆت يىل ئارخېئولوگىيەلىك تۈرلەر بويىچە ئاخىرقى باھالاش قاتارىغا كىرگەن، بۇ قېتىممۇ يەنە ئىككى تۈردە باھالاش قاتارىغا كىردى. بۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئارخېئولوگىيەلىك بايقاشتىكى تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر