باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ سانى 500 مىليوندىن ئاشتى

2019.02.28 15:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ سانى 523 مىليون 920 مىڭ ئادەمگە يەتكەن.

  2-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى يۈننەن كۈنمىڭدا، مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى خىزمىتى يىغىنىنى ئاچتى. يىغىندا ئاشكارىلىنىشىچە، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ سانى 523 مىليون 920 مىڭ ئادەمگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 158 مىليون 980 مىڭ كىشى ئەمەلىي تەمىناتقا ئېرىشكەن، 49 مىليوندىن ئارتۇق نامرات كىشى بىۋاسىتە نەپكە ئېرىشكەن؛ قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان، يېڭىدىن ئىش باشلانغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە سۇغۇرتىغا قاتنىشىش نىسبىتى %99تىن ئاشقان؛ 402 مىڭ ئىشسىز قالغان دېھقان ئىشلەمچىگە يىللىق ئىشسىزلىق سۇغۇرتا فوندىدىن بىرلا قېتىمدا 1 مىليارد 820 مىليون يۈەن تۇرمۇش ياردەم پۇلى تارقىتىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر