باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2018-يىلى گوۋۇيۈەننىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى ۋەكىللەر ۋە ئەزالارنىڭ تەۋسىيە، تەكلىپلىرىنىڭ ھەممىسىنى بېجىرىپ ئاخىرلاشتۇردى (نوپۇزلۇق ئاخبارات ئېلان قىلدى )

2019.02.28 14:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27-فېۋرال، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 2018-يىللىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەۋسىيەسى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ تەكلىپلىرىنى بېجىرىش ئەھۋالىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى. گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، باياناتچىسى شى يەنچۈننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2018-يىلى بىر يىلدا، گوۋۇيۈەننىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى باش بولۇپ بېجىرگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەۋسىيەسى 6319 پارچە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ تەكلىپى 3863 پارچە بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىككى يىغىندىكى تەۋسىيە، تەكلىپنىڭ ئومۇمىي سانىنىڭ % 88.5 نى ۋە % 87 ىنى ئىگىلەيدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز ۋاقتىدا بېجىرىلگەن. بېجىرىش سانىدىن قارىغاندا، 2018-يىلى گوۋۇيۈەننىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى بېجىرگەن تەۋسىيە، تەكلىپ سانى داۋاملىق يۇقىرى ئورۇننى ساقلىغان.

  «خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ بېجىرىش خىزمىتىگە رازى بولۇشى ياكى بىرقەدەر رازى بولۇش دەرىجىسى % 98 تىن ئاشتى»،- شى يەنچۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بېجىرىش ئۈنۈمى جەھەتتىن قارىغاندا، ھەر قايسى تارماقلار قوبۇل قىلغان ۋەكىللەر، ئەزالار ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر-تەكلىپلەر جەمئىي 3200 پارچىغا يېقىن بولۇپ، بۇنىڭغا 1400 تۈردىن ئارتۇق ئالاقىدار سىياسەت-تەدبىرلەر چىقىرىلدى، بىر يىلدا ئاشكارىلىغان تەۋسىيە، تەكلىپ بېجىرىش جاۋاب ھۆججىتى سانى 6300 پارچىدىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە تولۇق ئاشكارىلانغىنى 5700 پارچىدىن، ئېلان قىلىنغان يەشمە ماقالىلەر سانى 230 پارچىدىن كۆپ بولۇپ، ياخشى ئىجتىمائىي تەسىر قوزغىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر