2-ئاينىڭ 27-كۈنى، بېيجىڭ شەھىرىدىكى بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئۇچۇرۇش ھەۋەسكارى ئۆز ئالدىغا پېچەتلەش ئالدىدىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى نامايان قىلماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت نۆلدىن مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن يېپىلغان كۈنى سائەت 24كىچە بولغان ئارىلىقتا، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مەمۇرىي رايونىدا، يەر يۈزىدىن چەكسىز ئېگىزلىككىچە، ۋاقىتلىق ھاۋادىن چەكلەش رايونى تەسىس قىلىنىدۇ، ئورۇنلار، تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ بارلىق تەنھەرىكەت، تاماشا، ئېلان خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرۇش پائالىيەتلىرى ۋە شار قويۇپ بېرىش پائالىيەتلىرى چەكلىنىدۇ، باشقا خاراكتېردىكى ئۇچۇش پائالىيەتلىرىگە قارىتا ئارمىيە، خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ بوشلۇقتا تىزگىنلەش تارماقلىرى تەستىقلىغاندىن كېيىن، ئاندىن يولغا قويۇشقا بولىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى