شىنخۇا تورى خەۋىرى: 2-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئاسىيادىكى تۇنجى خەلقئارا سەۋىيەلىك، ھاۋا رايىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان ئۆلچەمدىكى چاڭغا تېيىلىش كەسپىي مەشىق مەيدانى —— جىلىن بېيشەن تۆت پەسىل دالا چاڭغا تېيىلىش مەيدانى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇ چاڭغا تېيىلىش مەيدانى ئېلىمىز تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ دالىدا چاڭغا تېيىلىش، قىش پەسىللىك ئىككى تۈر قاتارلىق تەنھەرىكەت تۈرى مەشىقلىرىدىكى پەسىل خاراكتېرلىك چەكلىمىلىرىنى ئۈنۈملۈك يەڭگىللىتىدۇ.