باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9- قېتىملىق يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

يىغىندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىغا قاراپ چىقىلدى، ھەمدە 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىغا تەييارلىق قىلىندى. يىغىنغا لى جەنشۇ رىياسەتچىلىك قىلدى

2019.02.27 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9- قېتىملىق يىغىنى 26- فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا بىرىنچى قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنى ئۆتكۈزدى. لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىدىن 171 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، يىغىنغا قاتناشقان ئادەم سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن بولدى.

  بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ بىر مۇھىم ۋەزىپىسى بولسا، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىغا تەييارلىق قىلىشتۇر. يىغىن قارالمىلىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمەت دوكلاتىنىڭ لاھىيەسى، كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى، ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپ ئىسىملىكىنىڭ لايىھەسى، يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىدىغانلار ئىسىملىكىنىڭ لايىھەسى قاتارلىقلار ھەققىدىكى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش قارارلىرىغا قاراپ چىقىش.

  بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش بولسا، پارتىيە 19ـ قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش ئىدى. 2018- يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغان ئىدى، شۇ يىلى 7- ئايدا يەنە بىر مەخسۇس يىغىن قوشۇپ ئېچىلىپ، ئۇنىڭدا لى جەنشۇ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدا بېرىلگەن دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى ۋە قاراپ چىقتى، ھەمدە مەخسۇس تېما بويىچە سوئال قويۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش جېڭىنى قانۇن بويىچە ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارنى چىقاردى. بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى لى گەنجيې گوۋۇيۈەننىڭ تاپشۇرۇقىغا بىنائەن، گوۋۇيۈەن ئاتموسفېرا بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىنىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى ۋە قاراپ چىقىش پىكرى جەھەتتىكى ئەھۋالنى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قارارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى مۇزاكىرە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا دوكلات قىلدى. دوكلاتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: گوۋۇيۈەن ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقىدىكى 22 تارماق، ئورۇن ۋە سەككىز ئۆلكە، رايوننىڭ خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە، دوكلات ۋە قاراپ چىقىش پىكرىگە سېلىشتۇرۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، ۋاقتىدا تۈزىتىش قىلدى. جايلار، تارماقلار قارار ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، يولغا قويۇش لايىھەلىرىنى تېز بېكىتىپ، دىققەتنى نۇقتىلىق مەسىلىلەرگە فوكۇسلاپ، كونكرېت تەدبىرلەنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش جېڭىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر