باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى قاتارلىق 10 تارماق يولغا قويۇش لايىھەسىنى بېسىپ تارقاتتى

دېھقانلار ئائىلە قىرائەتخانىسىدا ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش لازىم

2019.02.27 17:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي مەدەنيىلىك ئىشخانىسى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا مىنىستىرلىقى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى، جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسى بىرلىشىپ «دېھقانلار ئائىلە قىرائەتخانىسى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» دېيىلىدۇ) بېسىپ تارقاتتى، لايىھەدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، مەملىكەتلىك تەشۋىقات ئىدىيە خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىدىغان خىزمەت يۆنىلىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يېڭى دەۋر مەدەنىيەت ئەمەلىيىتى مەركىزى قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش يېتەكچىلىكىنى تۇرغۇزۇپ، مەۋقەنى تۈزەش، يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇشقا قويۇپ، دېھقانلار ئائىلە قىرائەتخانىسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا ياردەمچى بولۇشنى تەلەپ قىلدى.

  «لايىھە»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئىسلاھات، تەرەققىيات داۋامىدا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش ئاساسىدا، ھەققانىيلىقنى قوغداش ۋە يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتا ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، توردا ۋە تور سىرتىدا بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، بىر تۈركۈم ئۈلگىلىك قىرائەتخانلارنى كۈچەيتىپ ۋە سەرخىللاشتۇرۇپ، بىر تۈركۈم ئۆلچەملىك قىرائەتخانىلارنى قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە ئۇنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، بىر تۈركۈم مەسىلە بار قىرائەتخانىلارنى تۈزىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېھقانلار ئائىلە قىرائەتخانىسىنىڭ بايلىقى ئىسراپ بولۇش، مېخانىزم جانلىق بولماسلىق، مەزمۇنى ئېھتىياجغا ماس كەلمەسلىك، رەقەملەشتۈرۈش دەرىجىسى يۇقىرى بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى دەسلەپكى قەدەمدە ھەل قىلىپ، دېھقانلار ئائىلە قىرائەتخانىسىدا ئوقۇيدىغان كىتاب بار بولۇش، باشقۇرىدىغان ئادەم بار بولۇش، جەلپ قىلىدىغان پائالىيەت بار بولۇش، تەسىر كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچكە، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، جانلىق بولۇشقا ئىگە قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر