باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئادەم تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسى» ئۆلچىمى ئېلان قىلىندى

غول ھۈجەيرە كەسپىنىڭ تەرەققىياتى قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ

2019.02.27 16:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئاينىڭ 26-كۈنى، «ئادەم تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسى» ئۆلچىمى بېيجىڭدا ئېلان قىلىندى. بۇ ئۆلچەم دۆلىتىمىزنىڭ تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسىگە قارىتىلغان تۇنجى مەھسۇلات ئۆلچىمى بولۇپ، پەن تەتقىقات، كىلىنىكا، كەسىپ، ساھە قاتارلىق ئامىللار ئۇنىۋېرسال ئويلىشىلىپ، تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسىنىڭ ئاساسىي سۈپەت خۇسۇسىيىتى، سۈپىتىنى تىزگىنلەش تېخنىكا مىزانى، شۇنداقلا مەھسۇلاتنى ئىشلىتىش ۋە ئوبوروتنىڭ ئالاقىدار تەلىپى سىستېمىلىق بېكىتىلدى.يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىز غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىنىڭ كىلىنىكىلىق ئۆزگىرىشىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش بولدى، لېكىن كېلىش مەنبەسى بىردەك ئەمەس، تۈرى ھەر خىل، فۇنكسىيەسى مۇرەككەپ بولغاچقا، غول ھۈجەيرىنى تەييارلاش تېخنولوگىيەسى، سۈپەت تىزگىنلەش ۋاسىتىسى، ئىشلىتىش ئۇسۇلى، ماس كېلىدىغان كېسەللىكلەرنى تاللاش قاتارلىق جەھەتلەردە نىسبەتەن چوڭ پەرق بار، چوقۇم بىر تۇتاش ئۆلچەم بېكىتىپ، كىلىنىكىلىق تەتقىقات ۋە كىلىنىكىلىق سىناقنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. جوڭگو ھۈجەيرە بىئولوگىيە جەمئىيىتى غول ھۈجەيرە بىئولوگىيە شۆبە جەمئىيىتى مۇشۇنى كۆزدە تۇتۇپ 2016-يىلى غول ھۈجەيرە ئۆلچەم خىزمىتى گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئۆلچەم تۈزۈش خىزمىتىنى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە تەرتىپلىك قانات يايدۇردى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر