باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بۇلتۇر ئافغانىستان پۇقرالىرىنىڭ يارىلىنىش، قازا قىلىش سانى توققۇز يىلدىن بۇيان ئەڭ يۇقىرى بولدى، بۇنىڭغا تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋە ھاۋا ھۇجۇمى ئاساسلىق سەۋەبچى بولغان

2019.02.25 16:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت نىڭ بىر دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئافغانىستاندا 2018-يىلى يارىلانغان، ئۆلگەن ئادەم سانى 2009- يىلىدىن بۇيان ئەڭ يۇقىرى بولغان بولۇپ، ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمى ۋە ھاۋا ھۇجۇمى بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولغان.

  ب د ت نىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ياردەم بېرىش ئۆمىكىنىڭ 24-چېسلا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، 11 مىڭغا يېقىن ئافغانىستانلىق پۇقرانىڭ بۇلتۇر ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىدا ئۆلگەن ياكى يارىلانغانلىقى كۆرسىتىلدى؛ تەخمىنەن % 37 يارىلىنىشنىڭ سەۋەبى ئافغانىستان تالىبان تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراشتىن بولغان، تەخمىنەن % 24 يارىلىنىش ئامېرىكا ۋە باشقا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى سەۋەبىدىن بولغان؛ تەخمىنەن % 20 يارىلىنىش رادىكال تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ ھۇجۇمى سەۋەبىدىن بولغان.

  ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: ئامېرىكا ئارمىيەسى بۇلتۇر ئافغانىستاندا 6800 قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى قىلدى، قېتىم سانى ئۆتكەن ئالتە يىل ئىچىدە ئەڭ كۆپ بولغان يىل بولدى.

  ئافغانىستانغا ياردەم بېرىش ئۆمىكىنىڭ مەسئۇلى ياماموتو ناكادورى بىر باياناتىدا مۇنداق دېدى: پۇقرالارنىڭ تالاپەتكە ئۇچراش سانى داۋاملىق ئۆرلىدى، بۇ، كىشىنى «ئەنسىرىتىدۇ»، «پۈتۈنلەي قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان» بىر ئەھۋال. ئۇ ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ توقۇنۇشنى توختىتىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئافغانىستاننىڭ تىنچلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى مۇراجەت قىلدى.

  ئافغانىستان تالىبان ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى 1-ئاينىڭ ئاخىرىدا قاتار پايتەختى دوھادا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئافغانىستاندا ئۇرۇش توختىتىش قاتارلىق ئىشلار توغرىسىدا ئەمەلىي ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەن. ئىككى تەرەپ 25-فېۋرال يېڭى بىر قېتىملىق سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇشنى بېكىتكەن.

  تالىبان ئىلگىرى ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەتلىشىشنى رەت قىلغان بولۇپ، بۇ يىل 2-ئايدا پوزىتسىيەسىدە ئۆزگىرىش بولغان. ئۇلار چەت ئەل قوشۇنلىرى چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ھۆكۈمەت بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەتلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر