خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 20-فېۋرال خەلق سارىيىدا ئىران ئىسلام پارلامېنتىنىڭ باشلىقى لارى جانى بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-ئىران دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە دوستلۇقى ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن. مەيلى خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىران بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئىرادىسى قەتئىي ئۆزگەرمەيدۇ. يېڭى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو-ئىران ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، داۋاملىق بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلەردە ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە قوللىشى لازىم؛ يېقىندىن ئالاقىلىشىپ ۋە ماسلىشىپ، تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، بىخەتەرلىك، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى لازىم؛ خەلقئارا كۆپ تەرەپلىك سورۇنلاردىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى